يامغۇرۇم

يامغۇرۇم

 

 ئىپارگۈل ئوسمان

 

 سېغىنغانتىم تىۋىشلىرىڭنى،

 يېغىشىڭنى كۈتكەنتىم ئۇزاق.

 يۈرىكىمگە تونۇش كۈيۈڭنى،

 ئۆزگە باغدا چېلىپسەن بىراق.

 

 كۆنمىگەنتى باشقىغا كۆڭۈل،

 خۇمار ئىدى ھىدىڭغا دىماغ.

 ئىنتىلمىگەن دەريا دېڭىزغا،

كەتكەندىمۇ بېغىم قاغجىراپ.

 

 بوپتۇ يولۇڭ ئاق يوللۇق بولسۇن،

 ئېزىپ يۈرمە ئەمدى ئالدىراپ.

ماڭا بەرگەن ئەسلىمىلەرنى،

 تامچىلىرىڭ كەتسۇن ئوغىرلاپ.

 

 4-سېنتەبىر كېچە





119 قېتىم كۆرۈلدى armanim ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-7 0:07:53  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ