مەن دادامدەك ياشىسام دەيمەن - ئابدۇللا ئابدۇلمەجىد ئۇچقۇن

مەن دادامدەك ياشىسام دەيمەن

ئاپتورى : ئابدۇللا ئابدۇلمەجىد ئۇچقۇن

ئەركەك بولۇپ دۇنياغا توغۇلۇپتىكەنمەن ،
جەسۇر دادام قولىدا چوڭ بوپتىكەنمەن.
ئۈلگەم ئىكەن دادام ئەسلى بىلمەپتىكەنمەن ،
مەن    دادامدەك     ياشىسام    دەيمەن .
***

ھەرۋاقىت ياخشىغا بولىمەن يانداش،
ئاقىللار بىلەن ھەم بولۇپ ساۋاقداش .
بولماستىن ھەرگىزمۇ ئەسكىگە قولداش،
مەن   دادامدەك  ياشىسام   دەيمەن   .
***

رەقىپلەر ئالدىدا  سۇنماس  ئوق  بولۇپ ،
تۇرسىكەن كۆزۈمگە غەزەپلەر تولۇپ .
رەھىمدىللىك بېغىمغا سېلىپ ھەم قۇلۇپ ،
مەن    دادامدەك   ياشىسام   دەيمەن .
***

ھەرۋاقىت ئۆزۈمنى باشقۇرۇپ تۇرۇپ ،
زالىمغا ھەرگىزمۇ ياشىماي يالۋۇرۇپ .
ئەلەملەر باسسىمۇ كەتمەي ئاھ ئۇرۇپ،
مەن  دادامدەك  ياشىسام   دەيمەن  .
***

يۈرگىمدىن كەتمەيدۇ دادامنىڭ سۆزى ،
مېنىڭدىن سەل يىراق بولسىمۇ ئۆزى .
بىلىمەن ھەرۋاقىت مەندىدۇر كۆزى ،
مەن  دادامدەك  ياشىسام  دەيمەن .
***

دوس بولسا ماڭا گەر ھوزۇر باغلىرى ،
ۋەياكى باسسىمۇ ھىجران تاغلىرى .
ئېسىمدە دادامنىڭ قەيسەر چاغلىرى ،
مەن   دادامدەك    ياشىسام   دەيمەن .
***

خاتادۇر!!   قىلغىنىڭ  دېسىمۇ   كېلىپ ،
كەتمەيمەن ھەرگىزمۇ كۆڭلۈمگە ئېلىپ.
تاشلايدۇ بىركۈنى  داداملا  قېلىپ ،
مەن دادامدەك  ياشىسام  دەيمەن  .
***

بولسامكەن دادامدەك مەرىد جاسارەتلىك ،
ئەدەپ-ئەخلاق بابىدا ھەم پەزىلەتلىك .
قېرىنداش  ئارىسدا   بوپ  ئادالەتلىك ،
مەن   دادامدەك   ياشىسام   دەيمەن .
***

دادامدەك  ياشىسام  ھەربىر  قەدەمدە ،
ياخشىغا بىر ئۆمۈر بولۇپ ھەمدەمدە .
تۇرىمەن دادامدەك  بەرگەن  ۋەدەمدە ،
مەن  دادامدەك  ياشىسام  دەيمەن .
***

ئارزۇيۇم شۇ پەقەت دادامدەك ياشاش ،
بولمايمەن ھەرگىزمۇ  يامانغا  قاياش .
ئۆزگەرمەيدۇ ھەرگىزمۇ مەندىكى قاراش .
مەن   دادامدەك    ياشىسام    دەيمەن  .

2016. 11.11
جۈمە      كەچ
     





351 قېتىم كۆرۈلدى uqkun013 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-30 21:58:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-2 16:43:28 babur
دەرىت بەرمىسۇن ئ‍ۇچقۇن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ