مەنمەنلىك يامان
شاھى مەردانى
ھېچ قاچان بېرىلمە كىبىر ھەۋەسكە،
بىلىپ قال تاپماقتىن يوقاتماق ئاسان.
زىممەڭدە تەغدىردۇر ئېغىر ئىمتىھان،
كەمتەر بول ئەي ئىنسان مەنمەنلىك يامان.
ھەردائىم ياخشىلىق ئۈستىدە يانغىن،
ھەر دائىم مۇھەببەت كۈيىنى چالغىن.
ئۇلۇغلار سۆزىنى يادىڭغا ئالغىن ،
كەمتەر بول ئەي ئىنسان مەنمەنلىك يامان.
قونسا گەر بىر كۈنى بىشىڭغا ئامەت ،
ئۆزىڭنى بىسۋال ، بولمىغىن نامەرت،
دوست يارەن سۆيگۈسى ھەممىدىن قىممەت،
كەمتەر بول ئەي ئىنسان مەنمەنلىك يامان.
چوڭچىلىق دۈشمەندۇر ھەربىر كىشىگە،
ئىنساپلىق ياشاشنىڭ يەتكىن تېگىگە،
يامانلىق يانىدۇ ھامان ئۆزىگە،
كەمتەر بول ئەي ئىنسان مەنمەنلىك يامان.
13 قېتىم كۆرۈلدى | شاھى مەردانى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-27 6:53:11 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|