بىز ئۆمۈرنىڭ ئاۋارىسى (شېئىر) - ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن

 بىز ئۆمۈرنىڭ ئاۋارىسى

ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن


مەن,سەن,ئۇ دۇنياغا كەلگەن يىگانە،
ئۇلۇغ كۈچتىن ئۈنسىزلا بولۇپ ئاپىرىدە.
قۇياش سۆيگەچ چىكىلەرگە تىزىلپ ئۈنچە،
بوۋاي-مومايلارغا ئايلاندى ئەنە نارسىدە.

دەقىقە سۆرىدى مەجبۇر باغلاپ بويۇندىن،
ھەر قەدەم يېزىلدى يۈزلەرگە ناتۇنۇش بەلگە .
كۆپ ئىدى ئۆمۈر بىلەن دوئىلغا چۈشكەنلەر،
ئەمما يەر چىشلەپ يەنىلا كۆمۈلدى يەرگە.

ۋاقىت بېخىل ئېيتارغا بولمىغاچ قايتارمىسى،
يۇلۇنۇپ چاچ ئىگىلەر بەل تۇتقۇزار ھاسا.
بەرنالارمۇ تۆكەر ياپراق قالماي خۇشپۇراق،
ماغدۇرىدىن كېتەر يىگىت بولسىمۇ راسا.

كەلگەنلەرمۇ كېتەر ئاخىر يېغلاپ قالارمىز،
بۇ ئۈلۈمگە ھىچ كىشىنىڭ يوقتۇر چارىسى.
ھايات قىسقا ۋاقىت چاپقۇر تۇتۇپ بولماس،
تۇت قولۇمنى بىز شول ئۆمۈرنڭ ئاۋارسى.

2017-يىل1-ئاينىڭ3 كۈنى يېزىلدى
     





34 قېتىم كۆرۈلدى abdu4745 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-4 15:26:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ