ئ‍اياللار - ئ‍امىنە

ئ‍اياللار

 

ئ‍امىنە

 

ئ‍ەل بېشىدا قۇد بەخىت شاراپىتىڭدىن،

 ئ‍ۈمۈدسىزگە يار ئ‍ۈمىت ساخاۋىتىڭدىن.

 ئ‍اياز باسقان خەستە كۆڭۈل ئ‍ارامىغا،

يەتتى باھار ئ‍ىللىقى شاپائ‍ىتىڭدىن.

ھەممە قايىل ھەم مايىل جاسارىتىڭدىن،

ئ‍ەل ۋە پەرزەنت سۆيۈنەر ساداقىتىڭدىن.

 بارچە مۈشكۈل باش ئ‍ېگەر پاراسىتىڭدىن،

 گۈللەر ئ‍ۈنسۇن ئ‍اياللار باسقان ئ‍ىزىڭدىن.

 نۇر ياغىدۇ چېھرىڭدىن، دىلىڭدىن شەربەت،

كۆڭۈل ئ‍الار ئ‍ىللىق زوق ھارارىتىڭدىن.

 مۇجەسسەم ۋۇجۇدۇڭغا غەيرەت ھەم جۈرئ‍ەت،

كامال تاپقىن ئ‍اياللار شىجائ‍ىتىڭدىن.





115 قېتىم كۆرۈلدى ئ‍امىنە ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-3-4 12:03:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-3-24 13:27:18 نۇرەخمەت
بۇشېئىر ياخشى يىزىلىپتۇ
2016-3-24 13:12:48 بۇخەلچەم
بۇ شىېئىر ناھايتتى ياخشى يىزىلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ