ياش ۋە كۈلكە

ياش ۋە كۈلكە

 

شۇنچە يىللار ئۆتۈپ كىتىپمۇ،

كۆرىۋاتىمەن سىنى ھېلىمۇ.

 كۈلۈمسىرەپ تۇرىسەنغۇ يەنە،

كۆزلىرىمدىن ياشلار ئاقسىمۇ.

 

 بوپتۇ كۈلگىن كۈلىۋال يەنە،

يۈرىكىڭنى ئۆرتىمىسۇن غۇم.

مەن نىمىشقا يىغلايمەن لىكىن،

ساراڭ بولغان ئوخشايمەن چۇقۇم.

 

 ياق، سەۋەبى شۇنچىلىك ئاددى،

 بولدى يالغان يارنىڭ ۋەدىسى.

ئايرىلمايمىز دەپ قۇيۇپ ماڭا ،

كۆز يۇمدى ئۇ مەڭگۈ ئەتىسى.

 

--م ، ئىزچى





155 قېتىم كۆرۈلدى izqi1 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-2 17:26:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ