بۇ ھايات يوللىرى تىرىكچىلىكنىڭ - ھەبىبۇللا نوھ
بۇ ھايات يوللىرى تىرىكچىلىكنىڭ

ھەبىبۇللا نوھ

بۇ ھايات ھەركىمگە ئ‍وخشىماي قايدە، 
بەزىلەر رولچى بۇپ باشلار ھەر يەرگە.
ئ‍اۋامنىڭ قارىشى يۈكسىلىش شەرتى، 
بەرھەقتۇر بۇ يولدا ماڭايلى بىرگە.

نىيەت تۈز، مەقسەت بىر داۋان ئ‍اشىدۇ، 
غەرەزسى ئ‍ىگىرلەش كۈچ -قۇۋۋەت تاپۇر. 
باشلامچى بولساڭ ھەق بولسۇن ئ‍ىشىڭ،
شۇندىلا ئ‍ورنىڭدا ھۆرمىتىڭ ئ‍اشۇر. 

ھەركىمنىڭ سۆزلىشى تۇغرا بولسىلا، 
ئ‍ۆزۈڭگە ياقمىسا غەرەز بار دىمە. 
قالپاقنى غەرەزلىك كەيدۇرسەڭ باشقا، 
تامنىڭمۇ قۇلىقى دەيدۇ بىر نىمە. 

بۇ ھايات يۇلىدا ئ‍ەگىر توقاي كۆپ، 
ئ‍ادەممۇ ئ‍ازىدۇ ئ‍ۆزى ھۆل نىمە. 
ۋەزىرنىڭ قورسىقى كەڭ دەيدۇ شۇنچە، 
راستتىنلا قارىساڭ قاتنايدۇ كېمە.

بۇ ھايات يوللىرى تىرىكچىلىكنىڭ ،
ھەممىمىز يولوچى ھەمنەپەس كارۋان. 
تالاشساق ياراشماس ،كارۋانلار ۋەيران، 
شۇڭلاشقا ھەمنەپەس سۈرۈڭلار دەۋران.




65 قېتىم كۆرۈلدى asrar ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-8-25 7:41:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ