سىغىنىمەن سىنى جان ئانا

سىغىنىمەن سىنى جان ئانا

 

ياسىنجان سادىق

 

سىنىڭ بارىڭدا بىلمەپتىمەن قەدرىڭنى،

 سەنسىز بولدى ئالەم ماڭا گورىستان.

 نەسەۋەپ قول سالدى شۇم ئەجەل،

 قاغجىردى جەننەت كەبى گۇلۇستان.

 

 سەن كىتىپ ھايات شامىم ئۆچتىمۇ،

 ئانجان دەپ بۇلبۇل كەبى سايرىغان.

 ئاۋات ماكان ئايۋان سارايلار كوچتىمۇ،

 نە قىلاي بەش بالاڭ ئانسىز قالدىغۇ.

 

 نەۋرىللىرىڭ چوڭ ئانام قىنى دىگەندە،

 يۇرەكلەر لەختە ـ لەختە ئازاپقا تولماسمۇ.

 ئاشۇ سەبىلەر كوزىدەتامچىغان ياش،

 يۇرەكلەرنى دەت ـ ئەلەمگەسالماسمۇ.

 

 قىرنداشلىرىڭ ئاچام، سىڭلىم قىنى  دىگەندە ،

سانسىز كوزلەر تارام ـ تارام ياش توكەر.

 ئاشۇ كۇلۇمسىرەپ ياتقان سىياقىڭ،

 مىنۇتسىرى يادلىنپ قەلىپلەرتورىدە تۇنەر.

 

 ئانا،ئانا دەپ كىرگىنىمدەئىشىك ئچىپ،

 كەلمىدمۇ سەندىن مەڭگۇلۇك سادا .

كەل ئوغلۇم دەپ  قۇچاق ئاچقان ئاشۇ قوللار ،

بولغان ئوخشايدۇ  بزلەردىن ۋاقىتسىز جۇدا .

 

توت ئوغول ،بىر قىزىڭ قالدىمۇ دەتتە،

 مۇسىبەت ئىلكىدە ئورتەيدۇ پىغان.

 شوخ كۇلگەن شۇ مىنۇت قالدىمۇ ئەستە،

 سىغننمەن ئەي ئانا سىنى ھەسرەتتە.

 

 سەنسىز تىتىلماس ئوخشىغان تاماق،

 ئوچاق بىشى قۇرۇق، قازان قاينىماس.

 سەن بىلەن كەتتىمۇ ئوينىڭ بەركىتى،

 ئوي ئىچى تىپتىنىچ ھىچ كىم كايىماس.

 

 سەن كىتىپ سۇپۇرگەڭ قالدىغۇ تەنھا،

 ھويلا ئىچى پەگامۇ ماتەم تۇتقاندەك.

 ئىشىك ئالدى شاۋقنسىز ئاتام يىگانە ،

ئولتۇرار نە خىيال ئىلكىدە سىنى كۇتكەندەك.

 

 ئوتتى ئۇچ كۇن، ئوتتى يەتتەھەم ئوتتۇزى،

 ئويلەر ئاۋات بازار ئادەم ئايغى ئۇزۇلمەس.

 قاچا ـ قۇچا ساماۋەرلەرقولدىن توختىماس،

 ھەممەشۇغەمدە مۇسبەتتە ئۇندىمەس.

 

 ئوتتى نەچچە پەيشەنبە،جۇمە ،شەنبىلەر،

 ئەنە قەبىرەڭ بىشدائوكسۇيدۇيۇرەك.

 قارايمەن قەدەمدەبىر يىنىش ـ يىنىشلاپ ،

قالدىمۇ بۇقەبرەڭ مەڭگۇلۇك كورەك.

 

 ئوتتىمۇ ھاياتىڭنىڭ ئەللىك ئالتە باھار ،

يازى يۇرەك پارەم بالام دەپ ،جاپا چىكىپ.

 چىھرىڭدەشوخ تەبسسۇم قىلغاندا جىلۋە ،

كەتتىڭغۇ بىزلەردىن كەلمەسكە قىچىپ .

 

ھاياتىمىزدائىدىڭغۇسەن بىزلەرگە باش،

 سەن كىتىپ ئانسىز قالدۇق مانا بۇگۇن.

 بەش بىر تۇققان كوزلىردەئەلەملىك ياش،

 كىلنلەر يىغلار،نەۋرىلەرچىھرىدە يىغلامسىراش .

 

ئانا دەپ قارايمەن سۇرتۇڭگە قانماي،

 سىلايدۇ قوللۇرۇم يۇزلىرىڭنى ئۇنسىز.

 يۇركۇمنى ئورتەيدۇ سىغىنىش ئوتى،

 قانداق ئوتەر بۇھايات ئەمدى سەنسىز .

 

ئاھ ھاياتىمنىڭ قۇياشى ،كۆزۇمنىڭ نۇرى، ئۆمۈر بىغىمنىڭ گۈلۈستانى، ئانا سىنى بەك سىغىندىم! 

 2015-يىلى4-ئاينىڭ15-كۇنى(ئاقتۇ ناھيە)





202 قېتىم كۆرۈلدى ياسىنجان سادىق ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-16 16:46:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-17 0:38:17 ئايگۈل
ھەممىسى بەك ياخشى يېزىلغان تىمىلاركەن مەن بەك ياختۇردۇم سىلەرگە رەخمەت جاپا چەكتىڭلار بۇنىڭدىن كىيىن تىخىمۇ كۆپلىگەن تىمىلارنى يوللاپ تۇرۇشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ