ھايات تەسراتىم
مۇھەممەت مەخمۇت
بىراۋغا تاردۇر بۇ دۇنيا ،بىراۋغا مەنزىل ئۇزاق،
بېسىش-باسماق خاھىش ئەمەس قەدەملەر مەجبۇر بىراق.
كۈرۈنگەن تاغ يېقىن دەيدۇ مۈشكۈلى كۆپ بەسى يىراق،
ئاغرىنىش بەكمۇ ئارتۇقچە ھايات تاتلىق بەزىدە قىرتاق .
چۈشەندىم ئۇشبۇ قىسمەتنى ئاھۇ-زار نالۇ-پەريادتىن .
بىلمىدىم قەيەردە ساقلار قاچان ئەجەل جادۇ تۇتۇپ ،
قەيەرگە ئۇرا كولاپ نەلەردە كۈتەر تۇزاق قۇرۇپ.
ئىنسانغا ئۆلۈم بىر رەت كەتسەم شەرەپلىك قۇربان بۇلاي،
كەلسىگەر ۋەتەنگە كۈلپەت بۇيۇن ئەگمەي مەيدە ئۇرۇپ.
قىبلە قىلدىم بۇ نىشاننى ئەجەل ئىشكىگە دۇقۇرغان دەمدىن .
مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەقىدە مۇھمدۇر ئانا تۇپراق،
كەچسەم گەر كىچەي جاندىن جان بىلەن بىردۇر ئاداق.
دۈشمىنىمنىڭ خەنجىرى ئويماق بولسا يۈرەكىمنى،
ئۆزۈم ئۇيۇپ تۇتقۇزمەن كۆيدۇ قۇلى بىراق .
بىلدىم بۇ ساداقەتنى ئۆتكەن ئۇلۇغ نىشانلاردىن.
ھەركىمگە نەچچە خىل قىسمىت ئنسان ئارتىس ھايات سەھنە،
تاماشىبىن ئازمۇ ئەمەس يىقلساڭ چاۋاك پەستە.
قىزىل كۆز قارا يۈرەك پىلانى كۆپ ئۇيى قەستە،
چوڭ بۇلسەن كۈلۈپ يىغلاپ بۇرنۇڭغا يەپ تۇيۇپ نەچچە.
قازدىم بۇ دۇردانىنى يىقلغان تاغۇ-ئىدىرلاردىن.
بولدى قىل سۆزلىمە بەھزاد قەلەم توختات نالە ئەيلىمە بۇنچە،
بۇ پەقەت سىنىڭ ھاياتىڭ چۈشەنمەس سۆزلىسە قانچە.
كۈلۈپ ياشا تىك ياشىغىن غۇرۇرىڭ بولمسۇن خارە .
ئادەم قەدرى بىلەن ئادەم بولما ھېچكىمگە ئارتۇقچە .
سۆزلىسەڭ گەپ جىق بۇ ھايايۇ-قىسمەتتىن.
مۇھەممەت مەخمۇت (بەھزاد)
31 قېتىم كۆرۈلدى | bahezat | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-4 4:20:14 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|