يار بولالامسەن - يۈسۈپجان ئايكىپە

 يار بولالامسەن

يۈسۈپجان ئايكىپە


كۆزۈمدىن مىھرىمنى ھىس قىلالامسەن،
قول تۇتۇپ مەنزىلگە تەڭ بارالامسەن.
بىر كۈنلەر ئۆزگىلەر ئايرىماق بولسا،
يىنىمدىن ئايرىلماي چىڭ تۇرالامسەن.
 
ناۋادا بۇ ھايات قويسا دىدارسىز،
ئۈزمەستىن ئۈمىدنى ساقلىيالامسەن.
بارلىقىم ،كۆڭلۈمنى تاپشۇردۇم ساڭا،
ئۈمۈدۈم سىنىڭدە ئاقلىيالامسەن.

قالسام گەر ئايرىلىپ ھەممە نەرسىدىن،
مەن بار دەپ كۆڭلۈمنى ئاسرىيالامسەن.
سۆيگۈڭگە زار بولۇپ تەلمۈرگەن چىغىم،
باغرىمغا يىقىملىق  تاشلىنالامسەن.

تۆت كۈنلۈك ئالەم بۇ كۈلكەمگە كۈلۈپ،
قايغۇمغا مەن كەبى قايغۇرالامسەن.
كۆز يۇمۇپ كەتكۈچە باقى ئالەمگە،
يىنىمدىن ئايرىلماي يار بولالامسەن.


يۈسۈپجان    2016.10.8
     





61 قېتىم كۆرۈلدى يۈسۈپجان ئايكىپە ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-8 23:12:22  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ