يىللار بىلەن نىمىلەر كەتتى (شېئىر) - گۈزەلنۇر ياسىن

يىللار بىلەن نىمىلەر كەتتى(شېئىر) 

گۈزەلنۇر ياسىن


دىكابىرنىڭ ئ‍اخىرقى كۈنى ،
نىمىگىدۇر  تارتىشتى قەلبىم .
ئ‍ۇنتىغاندەك بىزمۇ يىللارنى ،
يىللار بىزنى ئ‍ۇنتۇدى بەلكىم.

ئ‍ەجەپلەندىم ئ‍اق قارغا قاراپ ،
ھازا تۇتۇپتۇ بىز ئ‍ۈچۈن جاھان.
قار ئ‍استىغا كۈمۈلگىنى راسىت ،
ۋاقتى ئ‍ۆتكەن بىچارە ئ‍ارمان.

قۇشۇلغىنى يېشىمىزغا ياش،
ئ‍ەپ قالغىنى بىر يىللىق ھايات.
ئ‍ەسلەنمەيدۇ شەيتان دىللاردا،
ھايات كەينىگە قۇيۇلغان مامات.

مەغرۇر يىللار مەغرۇر كۈلىدۇ ،
بەندە شۇنداق ئ‍اجىز كىلىدۇ .
ياشىغانچە ياشاپ قويغانلار،
تۇغۇلۇپلا ئ‍ۆلۈپ كىتىدۇ.

ئ‍الدىراشتەك كۈرۈنگەن ئ‍ادەم ،
يىتەلمىدى يىللار كەينىدىن.
يۇقاتمىدى بەلكىم ۋاقىتنى ،
يۇقاتقىنى ئ‍ارتۇق ھەممىدىن .

بۇلىۋېلىپ جاھان رەپدارى ،
كىملەر ئ‍ۆچەكتە جىمىپ ياتىدۇ.
ياشىماقچى بۇلۇپ يەنە كىم ،
مەن ھايات دەپ جارلار سالىدۇ .

ئ‍وتنى ئ‍ىزدەپ چىقىدۇ كىملەر ،
چوغ  ئ‍ۇچرىتىپ يېنىپ كىلىدۇ.
ئ‍ۆچۈپ ئ‍ۆچەر ئ‍ەڭ ئ‍اخىرقى ئ‍وت ،
ئ‍وت ۋەسلىگە كىملەر يىتىدۇ .

يىل قوينىدا تاشتەك ئ‍ادەملەر،
تاش مىجەزدە ياشاپ كىلىدۇ.
سۆيدىرەلمەي ياكى سۈيەلمەي،
سۆيگۈ چۈشەپ ئ‍ۆلۈپ كىتىدۇ.

تۈزدۈرمەكچى بۇلىدۇ چوكان،
زاماسكىلاپ قورۇق يۈزىنى.
ياراتماقچى بۇلىدۇ قايتا ،
يىڭى يىلدا يىڭى ئ‍ۆزىنى.

ئ‍ۇزاپ كىتەر ئ‍ىشەك ھارۋىسى
مۈگدەك باسقان بۇۋاينى ئ‍ېلىپ
ئ‍ەسلەپ قالار شەرەنداز مۇماي
ياشلىقىنى كۆزگە ياش ئ‍ېلىپ.

سوسكىسىنى ئ‍ەسلەيدۇ بۇۋاق ،
بارمىقىنى مىچىلداپ ئ‍ىمىپ .
يۈگۈرمەيدۇ ئ‍ەمدى كۇچىدا ،
ئ‍ېغى يىرتۇق ئ‍ىشتاننى كىيىپ .

ھايات ھەركىشىگە ئ‍وخشاش ئ‍امانەت،
كىملەر ئ‍امانەتكە قىلار خىيانەت .
كىملەر ئ‍ادالەتكە جېنىنى بىرىپ ،
ياراتماقچى بۇلار جاسارەت .

ھايات ھەر كىشىگە بىرىلگەن ئ‍ارمان ،
ئ‍ارمان ئ‍ارمانغا ئ‍ارمان  ياقىدۇ .
جاسارەت تۇلپارىغا مىنەلىسە كىم ،
ئ‍ارمانلىق ھاياتتا دەرمان تاپىدۇ.





136 قېتىم كۆرۈلدى گۈزەلنۇر ياسىن ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-2 20:13:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-13 3:01:12 missran
ئ‍ەسىرىڭىزنڭ ئاخىرىدىكى بىر -ئ‍ىككى كوپلىتىنى ھىساپقا ئ‍المىغاندا ھەقىقى شېئىر تويغۇسغا چۈمدۈرگدەك يېزىپسىز!!! قەلمىڭىزدىن يەنمۇ ئ‍ىسىل تىمىلارنى كۆرۈش نىسىپ بولسۇن بەكمۇ قالتى
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ