ئەللەي ناخشىسى ئىيتىپ بەر ئانا

ئەللەي ناخشىسى ئىيتىپ بەر ئانا

 

‏ئەيسا (ئويغاق ) ‏

 

‏سەكرەپ-تاقلاپ يىنىڭغا باراي ئانا،

تەشنالىقىمنى ئاپئاق سۈتىڭگە قاندۇر.

 ‏شىپاھ بولسۇن قەست قىلىنغان جىنىمغا،

 ‏دۇئا قىلىپ تىنىمدىكى قەستنى ياندۇر.

 

‏ ‏ئەللەي ناخشىسى ئىيتىپ بەرگىن ئانا،

 ‏ئۇنتۇپ دۇنيا غەملىرىنى ئۇخلاپ قالاي.

‏قۇچىقىڭدا يىتىپ تاتلىق ئۇخلاي يانا،

‏بالىلىقىمغا ئاستا-ئاستا قايتىپ باراي.

 

‏ ‏زەي سۇلۇق كۆلچەكتىن بىلىجان تۇتاي،

‏ئىلەڭگۈچكە چىقىپ ئىگىز- ئىگىز ئۇچاي.

‏يىگىرمىگە كىرگەن بوۋاق بالاڭ بولاي،

 ‏بالىلىقىمغا قايتىپ قۇچقىڭغا ئۆزۈمنى ئاتاي.

 

 ‏ ‏ئەللەي ناخشىسى ئىيتىپ بەرگىن ئانا،

 ‏ئالەم مەن بىلەن تەڭ ئۇيقىغا كەتسۇن.

‏بىر ئۆمۈر ئەركىلەپ ياشىغۇم بار ساڭا،

 ‏ئەللەي ناخشاڭ باللىققا ئېلىپ كەتسۇن. ‏ ‏ ‏ ‏ ‏ ‏ ‏ ‏ ‏ ‏





115 قېتىم كۆرۈلدى oYGaK ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-7 14:54:26  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ