دوستۇم مىنى تاشلاپ كەتتىڭ يىراققا
ئابدىراھمان ھېكىم ئىشەنچ . كۇچا
ئويناپ كۈلۈپ ھەر يەرلەردە يۈرەتتۇق،
كۈرۈشمۈسەك بىركۈن يىساپ ئەمەس دەپ،
ئىزدىشىپلا نەدە سەن دەپ كىلەتتۇق،
ئېغىر كىلىپ ساڭا بىرلا ئېغىز گەپ؟…
دوستۇم مىنى تاشلاپ كەتتىڭ يىراققا،
بۇ شوخلۇقۇم كۈلپەت سالدى بېشىمغا،
بىلسەم شوخلۇق قىلمايتىم قالدىم ئازاپقا،
قاچانراق قايتىپ كىلەسەن قېشىمغا؟…
چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرگەچ مەن سىنى،
دەپلا كەلدىم ھەر قانداق بىر دەردىمنى،
كۈنۈپ قاپتىمەن تۈزلۈك بىلەن ساڭا،
سەۋەبى زادى نىمە ئېيتقىن ماڭا؟…
ئويلاپ يۈردۈم مەن،نەلەردە سەرسانە،
كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ بولدىغۇ ھەر يانە،
خىيالىم سەن بولغاچ،ئىزدەپ مۇڭخانە،
يۈرۈكم ئىزلىپ بولدۇم ھەم ۋەيرانە ،
ئويلاپ قويغىن دوستۇم مىنىمۇ بىر رەت،
ئەسلى بىلسەم بۇ بىر باھانە گەپ،
سىنىڭمۇ بار دەردىڭ يىتىپ ئاشقۇچە،
دىلىم تۇيۇپ تۇرۇدى ئازاپ تاشقىچە،
يۈرۈكۈم دەرتتىن يىغلاپلا تۇرساممۇ،
سەندىن ئۈمۈت كۈتۈپ ئوتلار يانىدۇ،
ھامان قايتىپ كىلىدۇ دەپ يۈرسەممۇ،
ھىجران ئازابى قىيناپ ئەلەم سالدۇ،
268 قېتىم كۆرۈلدى | ixanq | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-29 23:09:53 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|