مۇساپىر سۆيگۈ
غەزەل
ئابلىمىت روزى توغراق
ئايدىن گۈزەل جامالىڭ، چانىدۇ كۆزۈڭدە قۇياش،
لەۋلىرىڭ چوغدەك قىزىل ھاجەت ئەمەس رەڭدە بوياش.
ئۈزۈپ كىرسە قەسىرىمگە سىنىڭ نۇرلۇق سىمايەڭ،
لەڭ ئۇرار قەلبىمدە سۆيگۈ جان لەھزىدە پىچىرلاش.
سىلىپ كەلدىڭ ئىشىق ئوتى ئازاپقا قىپ مۇپتىلا،
تولغۇنارمەن تۈن قوينىدا كۆزلىرىمدە يىتىرقاش.
دەريادا قالمىدى چۈش يۇلتۇزلار ياش تۆكەر ئاچچىق،
سۆيگۈگە تۇتقۇن قىلىندىم تەنلىرىمدە ئىچىرقاش.
لەۋلىرىڭدە چىلىندىم مەن چاچلىرىمدىن باغلىنىپ،
تۆكۈلدى قاراقدىن مۇڭ جۇدۇنلارغا بولۇپ سىرداش .
پىنھاندا كۈتىمەن سىنى خىرۇستال كۆڭلۈم سۇنۇق،
يەكتا بولۇپ بۇ ئالەمدە ھاياجاندا تۆكۈپ ياش.
توغراق چەكتى رىيازەتلەر بارخانغا تۆكۈپ مىھىر،
ھىچ بىلمىدىم قىسمەتمۇ بۇ زارلىنىپ تەنھا ياشاش.
2017.4.1 پوسكام
29 قېتىم كۆرۈلدى | ئابلىمىت روزى توغراق | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-2 7:34:44 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|