سەۋدا - گۇلنىسا نىياز

سەۋدا


ئاپتورى : گۇلنىسا نىياز


ماڭىلا ئارتمىغىن ھەممە گۇناھنى،

يۈردۈممەن دەرت يۇتۇپ چەتتە مۇڭلۇنۇپ.

ھار كەلدى ئايرىلىش سۆيگۈنۈم سەندىن ،

خاراپتۇر بۇ ھالىم بولماي ئوڭلۇنۇپ.


بولدى بەس يىغامنى بەزلىمە مىنىڭ،

دىلمىدىن ئۆچتى ھەم ئۈمۈت چىراغىم.

بىر تاتلىق ئۇخلايچۇ ئويغاتما مىنى،

بىردەملىك دەم ئالسۇن ھەسرەت پىراغىم.


مۇراتقا يىتەلمەي يۈرەك يىغلايدۇ،

قەلبىمنى قاپلايدۇ ئارزۇ-ئارمانىم.

بۇ سەۋدا ئىشىقنى يازاي دىسەم مەن،

ھالسىرغان تىنىمدە يوقكەن دەرمانىم.


ئەسلى مەن سۆيگۈڭگە ھاجەتمەن ئىدىم،

چۇشۇمدە بۇنى ھەم نەچچە رەت دىدىم.

خىيالدىن چىقمايسەن كېچەيۇ كۈندۈز،

ھەر دايىم سېنىڭلا غېمىڭنى يىدىم.


يۈز ئۆرۈپ كەتكەندە مەندىن سۆيگۇنۇم،

ھەسرەتتە تىلغاندىم روھىم ھەم ئۆلۈپ.

تۈگۈمەس قايغۇنىڭ تونىنى كىيىپ،

ئۆرتىنەر يۈرۈگۈم ساڭىلا كۆيۈپ.


2016 . 10 . 4 .  

     





31 قېتىم كۆرۈلدى گۇلنىسا نىياز ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-22 14:03:09  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ