بىر يالاڭتۆش نامىدۇر شاھزات - ئالامەت شىئىر

بىر يالاڭتۆش نامىدۇر شاھزات

 

تىلۋۇزۇردا ئ‍ېلاندىن قېچىپ،

 ئ‍اچقان ئ‍ىدىم چ چ ئ‍ۈندىدار .

ئ‍اھ نەقىلاي بۇندىمۇ ئ‍ېلان،

 مىنى ئ‍ەجەپ قىلدىغۇ بىزار .

 

تىلۋۇزۇردا دورا ئ‍ىچىملىك،

 رادىئو گېزىت ژۇرناللار دا ھەم.

 ئ‍ۈندىدارمۇ قالماپتۇ بىكار،

 چ چ غا ھەم بېسىپتۇ قەدەم.

 

 بىرى دىسە كۆيدۈم سېغىندىم،

 بىرى دەيدۇ سۈيمەن جېنىم.

 بىر دىسە سەن ئ‍ۈچۈن بارىم،

 بىرى ئ‍اقار سەن ئ‍ۈچۈن قېنىم.

 

 ئ‍ېلان قىلىپ يۈرەركەن شۇنداق،

 بەزەن نادان دۆتلەر ئ‍ۇيالماي.

 ئ‍ېلان قىلىپ يۈرەمدۇ ياكى ،

خۇتۇن چىقماي ياكى ئ‍ەر ئ‍الماي.

 

 يەنە بەزى ئ‍ەخمەق نادانلار ،

نام قۇياركەن يەنە ئ‍اجايىپ.

 كۆپ ئ‍ۇخلايدۇ نامىدۇر سابا،

بىر كوت كوت بار نامىدۇر غايىپ.

 

 بىر بىناماز نامىدۇر تەقۋا،

 بىتاھارەت نامىدۇر پاكزات.

 بىرى شەمەر ئ‍ۈزى بىر لەقۋا،

 بىر يالاڭتۆش نامىدۇر شاھزات.

 

 ئ‍ارزۇيۇم شۇ ئ‍ازايسا ئ‍ېلان،

 يالغانچىلىق يۇقالسا بىر پەس.

 تەرەققىيات بولسا ئ‍ۇيغۇردا،

 بىھاياغا قىلمىسا ھەۋەس .

 

شۇڭا دەيمەن ئ‍ۇيغۇر ياشلىرى،

 ھايا بىلەن تاپقايسەن غۇرۇر.

 سۆيدۈم كۆيدۈم ئ‍ۆلدۈمنى تاشلا ،

ئ‍ۇيات ئ‍ەلدىن چۈنكى سەن ئۇيغۇر .

 

 ئەخمەتجان ئەخەت

 215-يىل10-ئاي11-كۈن كەچ

دوسلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرنى ئ‍ايماي كۆرسەتمە بىرشىنى سۇرايمەن

ئۈندىدار  29729503





169 قېتىم كۆرۈلدى ئ‍ەخمەتجان ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-12 11:32:22  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ