ئىجاد شامىم ئۆچكىچە
ھەسەنجان ياسىن شەمشىرى
ئۈتۈپ كەتتى قانچە باھار قانچە جۇدۇن شۇنچە تېز،
قالدۈرۇپ گۈل چېھرىمگە رەھىم قىلماي تۈمەن ئىز.
يا ھەسرىتا بۈگۈن مانا قەلبىم چىكەر چەكسىز پىغان،
يىللار مىنى مۈكچەيتكەندە ئارام بەرمەي تىنىمسىز.
ياشلىقىم نەلەرگە كەتتىڭ شوخلۇقۇمنى خازان ئەيلەپ،
بولماسمىدى كەلسەڭ يەنە ماڭا باھار چىللاپ كۈيلەپ.
كۈز بىلەن تەڭ يوقاتتىڭغۇ چېھرىمدىكى شۇ ئىللىقلىقنى،
نەدە يۈرەي ئۈشبۇ يېشىمدا ئۆز ئۆزۈمگە بەخىت ئىزلەپ.
تۇغۇلغان بۇكۈنۈمدىن شادلانمىدىم بۈگۈن قىلچە،
تۈنۈگۈنلا بىر تاي ئىدىم چاپچىپ تۇرغان ئەركە شۇنچە.
يىگىرمە توققۇز دىگەن بۇ سان باستى يەلكەمدىن ئېغىر.
ئون ئەمەس تۈكۈلۈپتۇ بۇ ئۆمرۈمدىن يۈزلەپ غۇنچە.
تەن بەرمەيمەن بۇنچە ئىشقا ئەجەل سىرتماق سالغۇچە،
داۋان ئاشاي شەرەپ قۇچاي كى مادارىم يەتكۈچە.
ياش ئوتتۇزغا يەتمىدى مەن ئەمەسمەن تېخى ئاجىز،
ياشايمەن مەغرۇر يەنە ئىجاد شامىم تا ئۆچكىچە.
2016_يىلى11_ئاينىڭ15_كۈنى(كورلا)
ئۈندىدار573888975
201 قېتىم كۆرۈلدى | xamxiri | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-14 12:11:58 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-11-16 20:47:43 | zaynura |
yahxi boptu...tehimu tirixing |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|