پۇل تاپىمەن... ئۈچۈن - قادىر ئابلەت
پۇل تاپىمەن....ئۈچۈن

قادىر ئابلەت

ئاڭلىمايمەن قۇرۇق گەپلەرنى،
سۆزلىمەڭلار ماڭا سەپسەتە.
مىنى نادان دىسەڭلار مەيلى،
بولماڭلار ھەم قۇرۇق ئاۋارە.

پۇل تاپىمەن جىنىمنى تىكىپ،
پۇل تاپىمەن مۇھاببەت ئۈچۈن.
پۇل تاپىمەن ھەممىدىن كىچىپ،
پۇل تاپىمەن ئىناۋەت ئۈچۈن.

پۇل بولمىسا يوقتۇر ھىچنىمە،
بەلكىم مىنى ساراڭ دەيسىلەر .
ئەقلدىنمۇ ئىزىپتۇ بۇ دەپ،
مىنى تىللاپ ھەم قارغايسىلەر.

بىراق مىنىڭ پەرۋايىم پەلەك،
پۇل تاپىمەن ساخاۋەت ئۈچۈن.
پۇل تاپىمەن ماڭا پۇل كىرەك،
پۇل تاپىمەن ئادالەت ئۈچۈن.

«پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەستۇر»
بۇ بەك ئۇلۇغ ھەم بەك قۇرۇق گەپ.
بىر نان ئۈچۈن زار يۈرگەنلەرگە،
دەپ بىقىڭلار قىنى شۇنداق دەپ.

پۇل تاپىمەن جان ئانام ئۈچۈن،
پۇل تاپىمەن جان ئاتام ئۈچۈن.
ئۆز ئۆزۈمگە يۈز كىلىش ئۈچۈن،
پۇل تاپىمەن ھەم «قوزام» ئۈچۈن.

2016.8.25 ئۈرۈمچى




54 قېتىم كۆرۈلدى قادىر ئابلەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-4 20:38:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ