سىزگە چىدىمايمەن ئانا
سىزگە چىدىمايمەن ئانا رەھىماي تۇرغان دۇنياغا كۆز ئېچىپ كۆرگىنىم ئانام، پەرىشتەم ئانام ، تالاي تالاي كۈنلەرنى تۈنلەرگە ئۇلاپ،نۇرغۇن جاپا مۇشەققەتتە چوڭ قىلغان سىز مېنى ،ئۆزىڭىزنى شام كەبى ئېرىتىپ،ماڭا يورۇقلۇق ئاتا قىلغان،مېھىر- مۇھەببەت بۇلىقىم ئانام. نۇرغۇن تەرىپلەشلەر سىزگە يەتمەيدۇ.شۇنداقتىمۇ يەنىلا ئىچىمدىكى يۈرەك تىۋىشلىرىمنى سىزگە تۆككۈم كەلدى، چۈنكى دۇنيادا ھېچبىر كىشى سىزچىلىك ماڭا كۆيۈنمەس، ياخشى كۆرمەس دەيمەن، شۇڭا بەختىمگە ،تەليىمگە ئامان بولۇڭ سىزگە ھەرگىز چىدىمايمەن ئانا! مەنمۇ سىزنىڭ تەرتىپلىك تەربىيىڭىز ئاستىدا چوڭ بولۇپ، ئايال بولۇپ، ئانا بولۇپ، ئەمما سىزچىلىك ياشىيالمىدىم ئانا، سىزدەك كۆڭلى كۆكسى دەريادەك كەڭ، مېھىر- مۇھەببىتى بۇلاقتەك تۈگىمەس ھەرقاچان ئىشلارنىڭ ياخشى تەرىپى بويىچە ، پىكىر يۈرگۈزىدىغان، ھەممە كىشىگە مېھىر بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان،ئادىمىيلىك ئېسىل خىسلەتلىرىڭىزدىن ئازراق بولسىمۇ مەندە بولسا ئىدى كۈتكىنىڭىزدەك ئادەم بولار ئىدىم. ئانا مەن قىلالامدىم؟ دىگۈنىمدە<سىز ھەممىدىن ياخشى قىلالايسىز،تىرشسىڭىزلا نەتىجىسىنى كۆرسىز > دېگەن مەڭگۈ ئۆزگەرمەس ئىلھام مەدەتلىرىڭىز ئاستىدا بەختىيار ياشاۋاتىمەن ئانا. ئەمما مەن، سىز ماڭا ئېھتىياج مۇھتاج چېغىڭىزدا قانچىلىك سىزگە ھەمراھ بولالىدىم؟ دائىم ئۆز ئۆزۈمدىن سورايمەن. قاچان سىزگە تەشنا بولغىنىمدا ماڭا شۇ ۋاقىت ھەمراھ بولدىڭىز، ئىللىق باغرىڭىز ماڭا ھامان ئوچۇق ، قۇياشنىڭ ئىللىق تەپتىدەك تۈگىمەس بىر خىل راھەت مېھىر ئالىمەن ھامان،شۇڭا بىر كۈنى بۇ مىھرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن تولىمۇ قورقىمەن. ياق ئۇنداق كۈندىن ساقلىغاي، يوللىرىڭىزغا ھامان تەلمۈرۈپ باقىمەن ئاداققىچە،چۈنكى سىزگە ھامان چىدىمايمەن ئانا. ئەي ، بارچە گۈزەللىك ،مېھىرلىك بۇلقىڭىز خورىماس ئانا... ھاياتىمنىڭ ئېگىز پەس دوقاللىرىدا ھەر خىل قىسمەتلەر ئىچىدە تاۋلىنىپ چىققۇچە سىز ماڭا ، ئاشۇ ھودۇققان ھاياتىمغا، قەيسەرلىك بىلەن ياشاشقا مەدەت ئىلھام بولغان ئىدىڭىز.ئەمما ، بەزىدە تەگسىز ئازابلارغا چىدىيالماي، باغرىڭىزدا كۆز ياشلىرىم سەل كەبى ئاققاندا ،نېمىشقا شۇنى چۈشىنىپ يەتمىگەن بولغىيتتىم - ھە ؟! مېنىڭ كۆزۈمدىن ئاققىنى ياش بولسا، سىزنىڭ كۆزىڭىزدىن،يۈركىڭىزدىن ئاقىدىغىنى قان ئىكەن ئەمەسمۇ ئانا؟ ئەقىلسىز قىزىڭىز تالاي- تالاي كۈنلەردە سىزگە ئۇيقۇسىز كۈنلەرنى ئاتا قىلىپتۇ.مەن تۇمانلاشقان قەلب قەسىرىمدىكى قارا تۈگۈنلەرنى سىزگە ئېيتىپ بولۇپ يىنىكلەپ قوينىڭىزدا ، تىنچ ئۇخلاپ قالغىنىمدا،سىزنىڭ ماڭا ئامانلىق ، خاتىرجەملىك،يوللىرىمغا ئوچۇق يول تىلەپ،كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزىدىغىنىڭىزنى ئەمدى چۈشنۈپ يىتىۋاتىمەن، ئۆزىنى چۈشنۈش،بىلىش ماھىيتىنى تۇنۇپ يەتكەن چىغىمدا ، سىز ئاللىبۇرۇن چارچىغان سەۋەبلىك، ئېغىر ئاغرىق ئازابلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ داۋاملىق ھاياتىڭىزنى باتۇرلۇق بىلەن داۋاملاشتۇرۇپ كىلۋاتىسىز. شۇ چاغدا يۈرۈكۈم ئېچىشىپ قاتتىق ئاغرىپ كېتىدۇ. خىيالىمغا كىرۋالغان دەقىقە ئىچىدىكى <ئايىرىلىش> ھىسياتى تەنلىرىمىنى شۈركەندۈرۈپ،مېنى ئازاپلار دۇنياسىغا سۆرەپ كىردۇ، سىزنى ئۇزۇن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسى ىكەن ساق- سالامەت بولسىكەن ، دەپ مەنمۇ تالاي تالاي كۈنلەرنى ئامانلىقىڭىزنى،ساقلىقىڭىزنى تىلەپ ،ئۈمۈد بىلەن ئۆتكۈزمەكتىمەن.ماڭا ئاخىرغىچە ھەمراھ بولىمەن دېگەن ۋەدىڭىزدە تۇرۇپ،تېخىمۇ ياخشى ياشاڭ ئانا. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ،مەن ئۈچۈن قەلبىمدە قۇياش چىقماس ، مەڭگۈ زۇلمەت ھۆكۈم سۈرەر دەيمەن.شۇڭا سىزگە چىدىمايمەن ئانا. سىز بولغاش پۈتۈن دۇنيارىم تولۇق، سردىشىم، مۇڭدىشىم ئانا... سىز بولغاچ ھايات بېغىم ھامان گۈل- چېچەككە لىقمۇ- لىق تولغان، كۆڭۈل ئاسمىنىم يوپيورۇق شۇڭا چوقۇم ساق- سالامەت ئاخىرغىچە ياخشى تۇرۇڭ مەن سىزگە چىدىمايمەن ئانا.



81 قېتىم كۆرۈلدى رەھىماي تۇرغان ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-9 16:40:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-6-16 18:20:51 مىھراي
ناھايتى ياخشى يېزىپسىز،بۇ ھەم بىزنىڭ يۈرەك سۆزلىرىمىز
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ