بۇ يۈرۈگۈم ئالما ئەمەس
رەھمەت
كۆردۈم بۈگۈن يازغان خىتىڭنى،
ئۇنتالمىدىم سىنى جىنىم دەپ.
توي باغىقىڭ قۇلۇمغا تەگسە ،
مەنمەن يىغلىغان ئىدىم ئىسەدەپ .
ماڭا ئۇنتۇش تەس كەلگەن چاغدا،
يولدۇشۇڭغا يۈردۈڭ ئەركىلەپ.
گەر كۆرسەڭمۇ ھەسرەتلىرىنى،
قويمىغانتىڭ يار مىنى بەزلەپ.
نەچچە كىچە ئۆتتى ئۇيقۇسىز،
نەچچە كۈندۈز بولدۇم مەن بىتاپ.
سەن شادلىنىپ كۈلگەن چاغلاردا،
ساڭا ئىيتماي بۇنى چالۋاقاپ .
مانا ئەمدى خىتىڭنى ئىلىپ،
ئاجراشتىم دەپ بىرىپسەن خەۋەر.
ئازاپلاندىم بۇ ئىشنى ئاڭلاپ،
سىنىڭ ئۈچۈن مەنمۇ بىمەھەل.
بىراق بىر ئىش خەۋەردار بولغىن،
تۇرمۇشۇم بار مىنىڭمۇ بۈگۈن.
ئايالىممۇ شۇنچە مۇلايىم،
تۇرمۇشىمىز شۇنچىلىك گۈلگۈن.
مىنى سۆيگەن ئايالىم تۇرۇپ،
سىنڭ ئۈچۈن كىرەمدىم ئوتقا .
خاتالىقلار قايتىلنىۋەرسە،
تەڭرىم مىنى تارتمامدۇ سوتقا.
بۇ يۈرەگىم ئالما ئەمەستۇر،
قاچان كىلىپ ئۈزمەن دىسەڭ .
بوپتۇ ئالما بولسىمۇ بولسۇن ،
توغرىمۇ خەق رىسقىنى يىسەڭ .
243 قېتىم كۆرۈلدى | rahmat | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-20 14:10:30 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-1-27 12:31:55 | ئىزسال |
ياخشى مانا بۇ ئىمان ئەخلاق |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|