باغرىڭغا بىر رەت باسساڭچۇ ئانا...

         باغرىڭغا بىر رەت باسساڭچۇ  ئانا!  
                   
                     رەھىماي تۇرغان

نېمە بولىدۇ بىر قېتىم  چىن يۈرىكىڭدىن قەلبىڭنى ماڭا ئېچىۋەتسەڭ بىر رەت. باغرىڭغا تاشلىنىپ، ھېدلىرىڭغا  قېنىۋالسام، قاناتتى شۇچاغ ئانا مېھرىگە تەشنا بۇ مېھىرسىرىغان قەلبىم.

ئېسىمنى بىلگەندىن باشلاپ،ئانامنىڭ مېنى بىرەر قېتىم ، ئىللىق باغرىغا بېسىپ باققىنىنى مېھرى بىلەن سۆيۈپ باققىنىنى بىلمەيمەن. ھەدىلىرىمنى ئىنىمنى  ماختىغانچىلىك ياخشى كۆرگەنچىلىكنىڭ كىچىككىنە بىر  قىسمىنى ماڭا بەرگەن بولسا ئىدى،ئۆزۈمنى بۇنچە يېگانە ھېس قىلمىغان،بۇنچە  مېھرلەرگەتەشنا بولمىغان بولار ئىدىم. ئائىلدىكى پەرىقلىق  مۇئامىلىلەردىن دىلىم  ھەر قېتىم رەنجىگەن چاغدا مەن بۇ ئائىلىگە  بېقىۋېلىنغان بالىدەك ،ئارتۇقچە ئادەمدەك ھېس قىلىمەن.نۇرغۇن  بېقىۋېلىنغان بالىلارمۇ مەندەك مۇئامىلىگە ئۇچرىماس دەيمەن.
ئانا سېنى  مېھرىسىزمىكىن دەي دېسەم،ئەمما باشقا قېرىنداشلىرىمغا ئالەمچە مېھىر بېرىپ،كىچىككىنە  ئىشلىرى ئۈچۈن قايغۇرۇپ ياش تۆكۈپ كېتىسەن.ئازغىنە نەتىجىلىرىنى كۆرسەڭ بېشىڭ كۆككە يېتىپ،ئىلھام بېرىپ ، تېخىمۇ كۈچ ئاتا قىلىسەن.ئەمما ماڭا كەلگەندە، كىچىكىمدىكى شوخلۇقتىن  قىلغان ئانچىكى  خاتالىقلىرىمنى ھەر دائىم  يۈزۈمگە سېلىپ ،مېنى يەرگە ئۇرماقچى بولسەن،
ھەمىشە ماڭا كەلگەندە بىر  كۆزۈڭنى يۇمۇپ مېھرىڭنى ئاياپ قالىسەن. نېمە ئۈچۈن ماڭىمۇ مېھرىڭنى بىرىپ، باغرىڭغا

باسقىن ئانىجانىم!


تەھرىر :مۇھەممەدتوختى سەببەت 

مۇھەررىر :ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى






101 قېتىم كۆرۈلدى رەھىماي تۇرغان ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-24 17:27:54  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ