ئ‍ېغىر كۈنلەردە

ئ‍ېغىر كۈنلەدە

 

 ھەممىنى چۈشەندىم ئ‍ۇشبۇ كۈنلەدە،

 ھەسرەتتە تولغۇنمەن يالغۇز تۈنلەدە.

كىملەر يېنىمدا كىملەردۇر ھەمراھ،

دوست-دۈشمەن ئ‍ايرىلدى ئ‍ېغىر كۈنلەدە.

 

 

كىملەرگە خار بولدۇم كىملەرگە ھەم زار،

كىملەر يېنىمدا ماڭا بولدى غەمگۈزار.

ئ‍ايلاندى ياتلارغا دوست ۋە سۆيگەن يار،

 يۈرەك يىغلار زارۇ-زار ئ‍ېغىر كۈنلەدە.

 

 يىقىلسام يۈلىگەن ئ‍ادەملىرىم ئ‍از،

 مازاقلار قىلىشتى كۈلۈشۈپ بەك ماز.

ئ‍ۇسۇللار ئ‍وينۇشار چېلىشىپ داپ ساز،

 كىملەر چىن كىملەردۇر نامەرت بىلىندى ئ‍ېغىر كۈنلەدە.

 

كىملىرىم كەتتى مېنى يالغۇز تاشلاپ،

يۈرەككە غەم -قايغۇ ئ‍ازاپنى باشلاپ.

 كىملىرىم قالدۇردى كۆزۈمنى ياشلاپ،

 ھېسقىلدىم ھەممىنى مۇشۇ ئ‍ېغىر كۈنلەدە.

 

 خەيىر دېدىم چىداش چىدىشىم كېرەك ،

كەلگۈسۈم بەختىم ئ‍ۈچۈن تىرشىش كېرەك.

 ئ‍ۆۈزمگە ئ‍ۆزۈم بولۇپ مەڭگۈ يار يۆلەك،

خوشلۇشاي سىلەر بېلەن ئ‍ەمدى ئ‍ېغىر كۈنلەردە.

 

 2015.4.15 سەھەر قومۇل ئاپتورى (مۇھەممەت )





272 قېتىم كۆرۈلدى manzilimsan ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-29 16:16:38  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ