يۈرىمەن تەنھا : مەمەتجان سەمەت
  •          يۈرىمەن تەنھا
    مەمەتجان سەمەت

    دىلىم يىغلاپ قەلبىم ھەسرەتتە،

  • ئازاپلاردا    يۈرىمەن    تەنھا.
    پىغانلىقتۇر كۈن ۋە  تۈنلىرىم،
    جۇدالىقتا    يۈرىمەن   تەنھا.

    يالغۇز غەمگە پېتىپ كەچكىچە،
    خىيال سۈرۈپ يېتىپ كەپەمدە.
    تاڭ  ئاتقىچە   تۈنەپ   كىچىچە،
    ئۇخلىمايلا    يۈرىمەن    تەنھا.

    تەس كەلدىغۇ بەك يالغۇز ياشاش،
    يوق بولغاچقا بىر ھەمرا مۇڭداش.
    كۆڭلۈم يېرىم كۆزۈمدە لىق ياش،
    كۈلەلمەيلا   يۈرىمەن    تەنھا.

    دوست دۈشمەنلەر ئالدىدا چېنىپ
    بويتاق دېگەن  ئاتاقنى ئېلىپ.
    بويۇن قىسىپ يىگانە مېڭىپ،
    گۈلزارلىقتا    يۈرىمەن   تەنھا.


          تەھرىر : ئابلىمىتجان ۋاھاپ 

  • مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

  • ئۈندىدار : 2041420589


     


     


     





220 قېتىم كۆرۈلدى mamatjan520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-27 9:32:21  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ