ھىجران - سۇلايمان ئەلتېكىن

 **ھىجران**
سۇلايمان ئەلتېكىن

غېرىپلىق ئىچىدە  ئالىمەن  نەپەس .
پەرۋاسىز يۈرگىنىڭ ئۆتتى جىنىمدىن.
ئىشەنسەڭ بىزتىككەن شۇ قىزىلگۈلنى.
سۇغاردىم چاڭقىسا ئىسسىق قىنىمدىن.

سېغىنىش ياشلىرى تۈكۈلدى بۈگۈن.
كىرپىكىم ئاستىدىن دولقۇنلاپ چىقىپ.
يۈزۈمگە  ياسىدى  تالاي  ئېرىقچە.
بۇلاقنىڭ سۈيىدەك شىلدىرلاپ ئېقىپ.

نە گۇناھ  قىلغانتىم  ئالدىڭدا جانان.
قاچامسەن سۆيگۈنىڭ ئۇقىنى ئېتىپ.
زارىقىپ تەلمۈرسەم دىدارغا سەن يوق.
ئۈتمەكتە  ھاياتىم  خىيالغا  پېتىپ.

قامەتلىك بۇيۇمنىڭ پۈكۈلدى قەددى.
ياشىدىم بىرجانغا تېڭىپ مىڭ دەتنى.
يىللارغا ئەگىشىپ قىينىدى ھىجران.
كىمدىنمۇ كۈرىمەن ئۇشبۇ قىسمەتنى.

2016/ئۆكتەبىر  ئاقسۇ…
     





29 قېتىم كۆرۈلدى ھىجران ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-11 23:26:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ