سىغىندىم ئانامنى مىھرىبانىمنى
(گۈلجامال يولۋاس )
سىغىندىم ئانامنى مىھرىبانىمنى،
مەن ئۈچۈن قەدىردان غەمگۇزارىمنى .
كۆيۈنۈش ئىچرە بىشىم سىلىغان ،
گۈزەللىك باپىدا پەرۋىشكارىمنى.
مەن ئۈچۈن پەرىشتە قەدىردانىمدىن ،
ئايرىلغان شۇ پەيىت ئەسكە ئىلىنسا.
قەلبىمنى غەمغۇسە قاپلار ھەمىشە ،
يىتىملىك كۈلپىتى ئىزى بىسىلسا.
سىغىندىم ئانامنى مىھرىبانىمنى،
پەرىشتەم ئاقكۆڭۈل تۆھپىكارىمنى.
ئەسلەيمەن مەڭگۈگە ئەسلەيمەن ئەبەت،
ئانىجان يولباشچىم كۈچ مادارىمنى.
(2015.8.16)
| 273 قېتىم كۆرۈلدى | guljamal198 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-8-17 0:37:37 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|