ئەر ئەمەس (شېئىر) - ئوسمان يۈسۈپ

ئەر ئەمەس (شېئىر)

 ئوسمان يۈسۈپ


 جىسمى ئەرگە ئوخشىسا ئەركەك ئمەس،
    ئىسمى ئەرنىڭ بولسىلا ھەم ئەر ئەمەس.
    شە سۇراپ يۈرسىمۇ ئۇندابولدى بەس،
    ئەل ئۈچۈن كەچمىسە جاندىن ئەر ئەمەس.

    باغلىسا  مىڭگەز  تاۋاردا   بىلىنى   ،
   چاغلىسا رۇستەمى  داستان  ئۇزىنى.
   دوستىغا بەرمىسە كۇڭۇل  سىرىنى  ،
   بولسىمۇ ھاتەمنىڭ نەسلى ئەر ئەمەس.

   قىل بىرىپ كۈتسە بىراۋدىن پىلچە نەپ،
   تويمىسا  نەپسى  ھارامنى شۇنچە يەپ.
   تارىتمىسا ھەتتا ئاۋامدىن قىلچە  تەپ،
   مىننىتى  كۆپ  ئەركىشى  ھەم ئەرئەمەس.

   ئالدىدا جانىم پىدا دەپ سەن ئۈچۈن ،
   ئارقىدىن ئۇرسا پىچاق ئۆز نەپسى ئۈچۈن .
   ۋاپا قىلماي  ئۆزى قىلغان گەپ ئۈچۈن ،
   ئۆزنى دەپ ئۆزگىنى ساتقان ئەر ئەمەس.

   كۈندۈزى يۈرسە قاۋاختا مەس-ئەلەس،
   كەچتە  تاۋكاغا يۈگۈرسە مەس-ئەلەس.
   ئائىلە،خوتۇن -بالا ئەسلا  دىمەس،
   قىلمىسا بۈرچىنى ئادا  ئەر ئمەس.

   ئەردىگەن ئەردەك سۈپەتنى ساقلىسا،
   ئاتا-ئانا ئۈمۈدىنى   ئاقلىسا   .
   رىيا بىلەن غەيۋەت-شىكايەت ساتمىسا،
   پۇلنى ۋىژدانغا تىگىشكەن ئەر ئەمەس.

   مەن دىدىم "ئەر سانال ئەل ئاغزىدا،
   يۈرمىگىن  پىتنە  پاسات  بازارىدا .
   ياخشىلىققىل  ئىمتىيازىڭ بارىدا "،
   ئەلگە باغرى كەڭ ئەمەسلەر ئەر ئەمەس.
     





155 قېتىم كۆرۈلدى ئوسمان يۈسۈپ ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-10 6:45:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-13 21:42:36 ساۋۇت سەدەن
ياخشى يېزىپسىز رەھمەت 🌹🌹🌹
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ