مەن ئۆزۈمنى شۇنداق بەزلىدىم

مەن ئۆزۈمنى شۇنداق بەزلىدىم

 

زۇكامجان

 

لېۋىمنى ئىختىيارسىز قانىتىۋەتتىم، تىلىمغا غەيرى بىر تەم سۆيگەندە ئاندىن سېزىپ سۈرتىۋەتتىم. قەستەن دىلىڭنى يارا قىلغۇم يوق، خۇددى لېۋىمنى قەستەن يارا قىلغۇم يوقلىقىغا ئوخشاش.

ئەسلىدە مەنمۇ ئوقۇغۇنىڭدا ئىختىيارسىز كۈلكەڭدە زىناقلىرىڭ جىلۋە قىلغۇدەك قۇرلارنى پۈتەي دېۋىدىم. ئەمما بۇنچە دېگۈدەك ھېچنىمىلەرنى پۈتەلمەيدىغانلىقىمنى ياخشى بىلىسەن.كۈندە كەچتە قۇلاقلىرىڭغا شىۋىرلىغان مىسرالارنى ياد ئەتكەچ، خاتىرەمنى ئېچىپ قەلەمنى قولۇمغا ئېلىپ ئۇزاق ئۇزاق ئولتۇراتتىم. ئاندىن يەنە شۇ سېنى بىزار قىلىدىغان كۆپ چېكىتلەردىن بىر نەچچىنى چېكىپ قويۇپ،خاتىرىنى ياپاتتىم.

بۈگۈن ھەم قەلەمنى قولۇمغا ئېلىپ ئولتۇرغىنىمدا،قەلەم تۇيۇقسىز يازايمۇ دېدى، ئاۋۋال چۆچۈدىم، ئاندىن ئۈندىدىم: ياز دېدىم. ئاۋۋال تىترىدى، ئاندىن پۈتۈلدى. ئاچچىق مىسرالار.

ھې ھې.... ئاۋال كۈلدۈم. يۈرىكىمگە قاراپ خىجىل بولدۇم ئارقىدىن. تارام تارام مەڭزىمنى سۆيگەن ياشلىرىم. ئۆزۈمنى بۈگۈن يەنە شۇنداق بەزلىدىم.





334 قېتىم كۆرۈلدى زۇكامجان ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-12 4:27:59  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-2-6 1:12:22 ��⁉ئ‍ەسىلمە💟
😔😒😞
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ