قايتىپ كەل

قايتىپ كەل

 

 ‏يۈرگەن ئىدۇق ئەجەپ خۇشال بىر مەھەل،

 ‏بۇ سۆيگۈگە قىلالمىدىڭ سەن ئەمەل ،

‏ئەگەر بولساڭ نىيىتىڭدىن يانماقچى،

 ‏كەتمە يايرىم سۈيەي سىنى قايتىپ كەل ‏.

 

 ‏‏‏ئازابىڭدا قىينىلىپ جان قالمىدى،

 ‏ئىشقى ئۇتۇڭ يا جنىىمنى ئالمىدى،

 ‏يوللۇرۇڭغا قاراپ كۈزۈم تالمىدى،

 ‏ئەي جانانىم يىنىمغا بىر قايتىپ كەل.

 

 ‏ ‏ۋاپاسىزلىق قىلدىڭ دىمىگىن ماڭا،

 ‏قىلغان ئىدىم شۇنچە ئەقىدە ساڭا ،

‏ئايرىمىسۇن ئاللاھ بۇلۇپ باش پانا ،

‏مىھرىبانىم يىنىمغا بىر قايتىپ كەل.

 

 ‏ ‏ئۆزگىلەرنى سۈيۈشكە ھەم رايىم يوق،

 ‏قىيناقلىرىڭ يۈرۈگۈمگە بولدى ئوق ،

‏بولمايدىكەن بىر كۈنۈممۇ كۈڭۈل توق،

 ‏گۈلزىبايىم يىنىمغا بىر قايتىپ كەل.

 

 ‏ ‏تاپالمىدىم ھىچ تەسەللى ئۈزۈمگە،

 ‏كىچەلىرى ئۇيقۇ كەلمەس كۈزۈمگە،

 ‏قۇلاق سالغىن بىدارىڭ مەن سۈزۈمگە،

 ‏مىھرى ئايىم يىنىمغا بىر قايتىپ كەل.

 

 ‏ ‏ماڭا بەرگەن ۋەدىنى خار قىلمىغىن،

 ‏خەنجەر بۇلۇپ بۇ باغرىمنى تىلمىغىن،

 ‏بۇ سۆيگۈمنى ئەلەم دارغا ئىلمىغىن،

 ‏يار بىدارىم يىنىمغا بىر قايتىپ كەل.

 

 ‏ ‏چالغان ئىدىڭ يۈرۈگۈمدە مۇڭ تارىم،

 ‏سەنلا پەقەت مىنىڭ كۆڭلۈمدە بارىم،

 ‏بارسا ئەگەر ئىزلەپ يىنىڭغا زارىم،

 ‏دىل خۇمارىم يىنىمغا بىر قايتىپ كەل.

 

 ‏ ‏تاشلاپ قويما بۇنچە ئازاپقا مىنى،

 ‏كۈتتۈم مانا ئىغىر كۈنلەردە سىنى،

 يىغلاي دىسەم ئىقىپ بولدى ياش قىنى،

 ‏‏گۈل نىگارىم يىنىمغا بىر قايتىپ كەل.

 

 ‏ ئەلقانات يۈسۈپ ھاشىم





117 قېتىم كۆرۈلدى yusuf ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-12 21:05:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ