ئازغان ئاتىنىڭ ھەسرىتى (نەسىر)
بىدار يازمىسى
مانا 40 يىللىق ئۆمۈرۈم خۇددى تاماكا ئىسىدەك قەدىرسىز ھەم مەنىسىز ئۆتۈپ كەتتى . بەزىدە بالىلىق چاغلىرىمنى ، ياشلىقىمنى ، ئاتا - ئانامنى ، ئىللىق ئائىلەمنى ، سۆيۈملۈك باللىرىم ۋە چىرايىدىن كۈلكە ئۈزۈلمەيدىغان ئاق كۆڭۈل ئايالىمنى ئەسلەپ قالىمەن . ئەسلىدە مىنىڭمۇ ھاياتىم بىر مەزگىل شۇنداق مەنىلىك ، شۇنداق كۆڭۈللۈك ئۆتكەن ئىدى . مەن ھەر كۈنى خىزمەتتىن ھېرىپ - چارچاپ كەلگەن ۋاقتىمدا ئايالىمنىڭ ئەجىر قىلىپ ئەتكەن بىر چىنە ئىسسىق تامىقىنى يەپ بولۇپ ، ئۆزۈمنىڭ ئىللىق ئائىلەمنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنەتتىم ۋە باللىرىمنىڭ ئەركىلەشلىرىدىن بىر كۈنلۈك ھارغۇنلىقىمنى ئونۇتاتتىم . ھەي! قايسى كۈنى ، قانداق شەيتان مىنى ئازدۇرۇپ ئىس - تۈتەك قوينىغا تاشلىدى بۇنى بىلمىدىم .
ئەزرائىل مىنى قىستاپ ئەجەل گىردابىغا ئىتتىرمەكتە . مەن بەزى كۈنلىرى 《ئاق ئالۋاستى》نىڭ رىشتىدىن ئۆزۈمنى تارتالماي ، سۇدىن ئايرىلغان بىلىدەك تىپىرلاپ كېتەتتىم . ئايالىم ، باللىرىم بىشىمدا تۇرۇپ ئانىسى ئۆلگەن قۇش باللىرىدەك چۇرقىرشاتتى . شۇنداق بولغىنىغا قارىماي ئىللىق ئائىلەمنى تاشلاپ ، زەھەر بىلەن قول تۇتىشىپ ، قەدىناس ئاغىنە بولۇپ ، ئاتا - ئانام ، ئايالىم ۋە باللىرىم بىلەن يادلىشىپ كەتتىم . مەندىكى يولۋاسدەك كۈچتۈڭگۈرلۈك ، بۈركۈتدەك چەبدەسلىك ، كىيىكدەك ھوشيارلىق يوقۇلۇپ ، تىنىم كۈندىن كۈنىگە قانسىرىغان توخۇدەك ئاجىزلاپ باردى . ھاياتىم خۇددى سۇنىڭ كۆپىكىدەك ئىتىبارسىز ، مەنىسىز ئۆتۈشكە باشلىدى . ئەركەككە خاس ئەرلىك تۇيغۇ ، ئاتىلىق مەسئۇلىيەت بۇرچى ئۆلدى ، ئىنسانىي غورورۇم 《ئىس》سەۋەبلىك پايخان بولدى ، كۆزۈم كور ، قۇلۇقۇم پاڭ بولدى ، قەلبىم مۇز بولۇپ قاتتى . لىكىن شۇنىڭدىمۇ مىنىڭ ئەتراپىمدىكىلەر بىلەن كارىم بولمىدى . ئاخىرىدا مىنىڭ ئىللىق ئائىلەم خۇددى كۈلدەك توزۇپ كەتتى . ئايالىم ، باللىرىم سەرسان كوچىسىدا يۈردى ، مەن بولسام داۋاملىق ئىس - تۈتەك ئىچىدە ياشاپ كەلدىم . شۇ زەھەرلىك تۇمان باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم ، ئۇمۇ مىنى ياد كۆرمەي ئۆز قوينىغا ئالدى . مىنىڭ مەنىلىك ھاياتىمنىڭ كۆكەڭگۈسىنى ئاق تۈتەك توسىۋالدى .
مانا ، مەن ھاياتىمدا 40 باھارنى ئۆتكۈزۈپتىمەن ، شۇ چاغلاردىكى كۆڭۈللۈك كۈنلىرىمنى، مەنىلىك ھاياتىمنى، ئىللىق ئائىلەمنى، تا ھازىرغا قەدەر كۆرەلمىگەن ئوماق باللىرىمنى سىغىندىم. مىنى تۇمان ئورىۋالدى، مەن شۇ تۇمان ئىچىدە تولغۇنىۋاتىمەن . قىسقىغىنە ھاياتىمنىڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرى كۆز ئالدىمدىن بۇلۇتتەك ئەگىپ ئۆتمەكتە . كۆز ئالدىمدا كۆيۈمچان ئايالىم غۇۋا پەيدا بولدى، ئىككى بالام ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەۋاتىدۇ . ئايالىم بولسا مەندىن ئاللىبىرنىمىلەرنى ئۆتۈنگەندەك ئۈمۈدلۈك كۆزى بىلەن قاراۋاتىدۇ . ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن ئۈمۈد ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇراتتى . مەن خىيالىمدا ئۇلارغا قولۇمنى ئۇزۇتۇپ باللىرىمنى ئەركىلەتمەكچى بولدۇم ، لىكىن بىر كۈچ مىنى ئۆزىگە ماگىنىتدەك تارتىپ تۇراتتى. شۇنچە غەيرەت قىلساممۇ ئورنىمدىن تۇرالمىدىم ، مەندە نە كۈچ ، نە دەرمان قالمىغانىدى. ئۇلار يەنىلا ماڭا قاراپ تۇرماقتا . مىنىڭ قايتىپ بىرىشىمنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتە . مەن ئۇلارغا قاراپ قولۇمنى سۇندۇم ، ئۇلارنىڭ مىنى ئەجەل دوقمۇشىدىن تارتىۋېلىشىنى ئۈمۈد قىلدىم . لىكىن جىسمىم بىردىنلا سىماپدەك ئېرىشكە باشلىدى، يۈرىكىمنى يوغان بىر قول سوغۇرۋالماقچى بولغاندەك تىپىرلىدىم . باللىرىمنىڭ سەبى كۆزىدىن سېغىنىش ۋە ئۈمۈدسىزلىك ياشلىرى چۈشتى . شۇ ئارىدا ئايالىم ۋە باللىرىم كۆز ئالدىمدا تۇماندەك غايىپ بولۇشتى .
ئەپسۇس ، مىڭ ئەپسۇس …… شۇ تاپتا پۇشايمان قاچام تولۇپ تىشىۋاتىدۇ .ئاپپاق ئىسنى تويماي 《ھاپ》 قىلىپ يۈتكەن مەن ھازىر ئەزرائىل ئالقىنىدا يىلانندەك تولغۇنىۋاتىمەن. ئەجىبا ھاياتىم ئاخىرلاشتىمۇ ؟ ئاشۇ زەھەرنى《دوست》دەپ بىلىپ ئاتا - ئانىغا ، قىرىنداشقا ، ئايالىغا پىچاق تەڭلىگەن ئۆزۈمگە لەنەت ……
518 قېتىم كۆرۈلدى | bidar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-3-15 0:56:48 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-4-4 12:13:04 | يانغىن |
بەك ياخشى يىزىپسىز بىدار |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|