مودا چاچ بىلەن ئۇزۇن چاچنىڭ مۇنازىرىسى

مودا چاچ بىلەن ئۇزۇن چاچنىڭ مۇنازىرىسى

 

 مودا چاچ :

 ئەي خالايىق ئېتىم مېنىڭ مودا چاچ،

 تارىخىممۇ ئۇزۇن ئەمەس لېكىن شاش.

 داڭقىم باردۇر مەشرىق تامام مەغرىپتە،

جىمى قىزلار مەن ئۈچۈنلا ئېگەر باش.

 

 ئۇزۇن چاچ:

 ئىنسان ئىزى يەرگە قەدەم قويغاندا،

يارالدىم مەن ھەمرا بولۇپ ئىنسانغا.

گۆھەردۇرمەن قەدىرلىگەن بىلگەنگە.

 چۈنكى باغلىق ئاسراش مېنى ۋىجدانغا.

 

 مودا چاچ :

قاراپ باققىن ئەتراپىڭغا جاھانغا ،

 نەدە قالدى زۆھرە لەيلى سەنەملەر.

 يېڭى پاسون يېڭى ئىسكەت يېڭى روھ،

 مەن بىلەنلا مەزمۇت تاشلار قەدەملەر.

 

 ئۇزۇن چاچ:

 ئۇزۇن چاچ مەن ئۇيغۇر قىزى زىننىتى،

 ئۇيغۇر ئەمەس پۈتۈن قىزنىڭ قىممىتى.

غۇرۇرى ھەم پەخرى جېنى ھىممىتى،

 بىلسەڭ ماڭا باردۇر بارچە ھۆرمىتى .

 

مودا چاچ:

 نامىڭ سېنىڭ قالدى ئۇزاق ئەسىردە،

 ئەركىندۇرمەن بۈگۈنكى شوخ دەۋردە.

 كۆرۈنمىدىڭ ئىزدىسەم تۆت پەسىلدە،

 يۈتتۈڭمۇ يا چۆلدە قەدىم قەسىردە .

 

 ئۇزۇن چاچ :

 ئەركىنلىكىڭ ۋاقىتلىقتۇر تاقلىما،

مېنى يۈتتى دەپ گېپىڭنى شاخلىما،

ئەۋلادلىرىم ئويغىنىدۇ دەست تۇرۇپ،

 شۇ چاغ كەلسە كۆزلىرىڭنى ياشلىما.

 

 مودا چاچ :

گۈزەللەرنىڭ جانانىمەن جانىمەن،

 مەستخۇش قىلغان ئۈلپىتىمەن يارىمەن.

 بارلا بولسا گۈزەل ئەسلى جاھاندا،

 گۈزەللىككە تەڭكەش بولغان سازىمەن.

 

ئۇزۇن چاچ:

 جاھانغا باق ياخشى يامان تامام بار،

 ئويلىمىغىن ھەممە قىزنى ساڭا يار.

 قارا ڭغۇدا ھۆكۈم سۈرگەن زۇلمەتمۇ،

 كىچىك شامنىڭ يورۇقىدىن بولار خار .

 

 مودا چاچ:

 خىتابىم شۇ قۇرۇق نام بار ئۆزۈڭ يوق،

 ئۆتمۈشتىكى ئۇلۇغ نامىڭ ئەمدى يوق.

 قايچىلاردا قۇربان قىلدىڭ ئۆزۈڭنى ،

 سەھنىلەردە ھاجىتىڭ يوق ئورنۇڭ يوق.

 

 ئۇزۇن چاچ:

 كەلگىن باشلاپ ماڭاي سېنى گۈلباغقا،

 ئاقىۋىتىم ئەمەس سەندەك زالالەت.

نىيىتىم پاك تۇتقان يولۇم ئەبەدكە،

 بىراق سېنىڭ ئاقىۋىتىڭ قىيامەت .

 

مودا چاچ:

 ئاڭلاپ ئاداش سۆزلىرىڭنى ئويلاندىم،

 بۇرۇن قىلغان ئىش ئىزىمغا قىزاردىم.

تا بۈگۈنگە بىلمەپتىمەن ھوشۇمنى ،

 ئۆزۈم كۆرۈپ ئۆز ھالىمنى ئۇيالدىم .

 

 ئۇزۇن چاچ ۋە مودا چاچ :

 ئويلان ئۇيغۇر قىزلىرى چاچ ھەققىدە،

 ئۇزۇن چاچتۇر ئەسلى بىزنىڭ پەخرىمىز.

 چاچنى كەسمە قويۇپ بەرگىن ئەركىگە.

 سۇمبۇل چاچلار بىزنىڭ تاجۇ –تەختىمىز.

 

 قومۇل ئاراتۈرك ناھىيە1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن :ئايجامال مۇئەللىم





206 قېتىم كۆرۈلدى AYTURK926 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-7 15:30:42  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-8 10:00:14 جوتەندىن تۇرسۇنتوختى قۇربان
ياخشى يېزىلىپتۇ ،
2015-8-7 18:02:31 qq: qin akida 212
yakxi yezipsiz maga bak yakti
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ