دوستلۇرۇم بار
مەردان ياقۇپ (غۇلجا)
يىقىن ماڭدىم يىقىلمىسۇن دەپ ئۇلارنى،
قەس قىلمىسۇن دەپ قاچارغا دوستلۇرۇم بار،
مېھىر بەردىم مۇساپىرلىق ئاچچىقكەن دەپ،
دىل يارامغا تۇز چاچارغا دوسلۇرۇم بار ،
تەڭ قىسلىقتا قويغىنىدا دۇنيا مېنى،
ھال ئەھۋالىم سورارىغا دوستلۇرۇم بار،
بىلىنمەيدۇ ئۆز ئۆزىگە قىلغانلىرى ،
غەيۋىتىمنى قىلارىغا دوستلۇرۇم بار،
باشقا كۈن چۈپ قولۇم قىسقا بولغىنىدا،
مەن ئۈچۈن قان ساتارىغا دوستلۇرۇم بار،
تېپىۋىلىپ يىڭىسىنى يۈزنى ئۆرۈپ،
بىزگە شىلتىڭ ئاتارىغا دوستلۇرۇم بار،
كۆڭۈلچەكنىڭ كۆتى ئوچۇق دىگەن شۇدە،
ئاق كۆڭلۈمنى قار قىلارغا دوستلۇرۇم بار،
ئېشېگىنى ئۆتكۈزۋىلىپ كۆرۈگىدىن.
يات ئالدىدا خار قىلارغا دوستلۇرۇم بار،
ياقا يۇرتتىن بولسىمۇگەر بەزىلىرى،
مانا مەن دەپ چىقارىغا دوستلۇرۇم بار،
ئەزىز بىلىپ جان تەسەددۇق قىلغانلىرىم،
تەتۈر قاراپ تۇرارىغا دوستلۇرۇم بار،
ۋاقىت شۇنداق سىناپ تۇرۇپ ئىلغايدىكەن،
قول تۇتۇشۇپ ماڭارىغا دوستلۇرۇم بار،
كۆڭلىمىز تۈز دىدۇق ئۇنىڭ ئەيىپىنى،
گېلىم سىقىپ يانارىغا دوستلۇرۇم بار،
ئىشىكىمىز ئوچۇق ئىدى ئۇلار ئۈچۈن،
بىزنى كۆزگە ئىلمايدىغان دوستلۇرۇم بار.
ئىشىكىنى چېكىپ باقتىم مەن نەچچە رەت،
كىرمىسۇن دەپ جىم ياتارغادوستلۇرۇم بار،
ياخشىلىققا ياخشىلىقنى ھەممە قىلۇر،
بىرگە ئوننى قىلارىغا دوستلۇرۇم بار،
يامانلىققا ياخشىلىقنى ئەركەك قىلۇۇر،
مەيدىسىگە تۈك چىقمىغان دوستلۇرۇم بار،
ئون ئشنىڭ بىرىنى خاتا قىلغىنىمدا،
مەندىن يۈزنى ئۆرۈيدىغانلىقى دوستلۇرۇم بار،
توققۇز خاتا پەقەت بىرى توغرا بولسا،
مەندىن رازى بولىدىغان بىر تەڭرىم بار ،
رەنجىمىدىم ئىنسان دىگەن شۇنداق ئىكەن ،
بۇ كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈشكە سەبىرىم بار،
ئاتا ئانام كۇپايىدۇر تامايىم يوق،
ۋاقتى كەلسە جان بېرىشقا جان ئاكام بار ،
بۇغداي نېنىم بولمىسىمۇ خۇرجۇنۇمدا،
بوغداي سۆزنى قىلارىغا بىر يۈرەك بار،
دىيەلمىدىم ئالدىڭلاردا بۇ سۆزلەرنى ،
نىدارىمنى يازارىغا بۇ قەلەم بار،
2016/11/16新大
______118
260 قېتىم كۆرۈلدى | mardan118 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-17 9:28:45 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|