ھاي-ھاي تېرەك
(ئابدۇراخمان ئابدۇللا)
سەن بۇلاق كۆزىدە كۆكلىگەن ھاسا،
تاقىشىپ ئاسمانغا ئۆسمەكچى راسا.
ھاي-ھايلاندىڭ، ئاۋايلاندىڭ كۆز تېگىشتىن،
پايانسىز ھاياجان قۇترايدۇ تازا.
ئەقىلنىڭ دەرىخى ئەي بولدى شۇنداق،
شەيتاننىڭ خىسلىتى چىقارماي پۇتاق.
مىڭ يىللاپ ياشىدىڭ قۇرىماي شۇڭا،
مۈمكىنسىز ھاياتلىق، قەلبىڭدە پىراق……
189 قېتىم كۆرۈلدى | xahturk | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-11 18:01:47 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-1-19 8:54:46 | abdekeram |
bak mazmunluk yahxi yizliptu |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|