سۇنغان گۈل

سۇنغان گۈل

 

قىزىل گۈلدەك خۇشپۇراق بېغىمدا سەن،

 يۈرەك باغرىمنى ھەردائىم لەرزىگە سالاتتىڭ.

شېرىن تۇيغۇ ئىچىدە چاندۇرماي،

كېچىلىرى ئۇيقۇ يوق،خىيال قوينىغا ئالاتتىڭ! 

 

 كېپىنەك كەبى ئۇچۇپ يۈرەتتىڭ،

 سۆيگۈ گۈللىرىمنىڭ ئۈستىدە ئەركىلەپ.

 ساڭا بېقىپ قارىساممۇ قانمايىتتىم ھەرگىز،

 ئۇيقۇم كەلسىمۇ كۆزۈمنى،ئاچاتتىم ئۇۋلاپ.

 

سېنى كۆرگەن تۇنجى رەت يانغانتى قەلبىم،

 ئاشىق بولۇپ كۈلكەڭگە،تىلىم بىقارار.

 پەرۋىش قىلغان شۇندىن مەن سۆيگۈ بىخىنى،

باغۋەن كەبى ئاۋايلاپ مېۋىگە قاراپ.

 

 ئەپسۇس يۇمران مايسا ،سۇندى تۇيۇقسىز،

 ئىككى پەسىلدىن كېيىنكى «شۇملۇق»بوراندا.

كۆز تەگدىمۇ بىلمىدىم بىزنىڭ رىشتىگە،

 ئۈزۈلدىغۇ شۇنچە تېز،ئېچىلاي دەپ تۇرغاندا.

 

سۇندى گۈلۈم سۇندى ۋە ئارمان،

 بەخت قوياشى ئەمدىلا تاراتقاندا نۇرـ زىيا.

 ئۆلدى ئۈمىد ئۆلدى ھەم ئىشەنچ،

 قەلىب بېغىمنى ئوراپ ئالغاندا بىر گىيا.

 

 ھايات دېگەن ھەمىشە بولمايدىكەن ئارزۇدەك،

سۆيگۈ دېگەن بۇ قەسىرمۇ ھەم شۇنىڭدەك.

شۇندىمۇ ئىزدەپ تۇراي ئۆزۈمگە بەخت،

 بەخت تىلەپ ھەم ساڭا ياشاي ئۆزۈمدەك.

 

پەرۋىش قىلىپ بىرگۈلنى كېچە كۈندۈز ئاۋايلاپ،

 مۈشكۈل ئىكەن بىزلەرگە يېتىلدۈرۈش باغۋەندەك.

 كەچۈر نىگار ئەمدى بولالمايمەن باغۋىنىڭ،

بۇرۇنقىدەك سۇنۇقنى ئەستايىدىل تاڭغاندەك.

 

كەچۈر گۈلۈم كەچۈردۈم مەنمۇ بۈگۈن،

 ئۆتكەن بولساق بۇرۇن،مەيلى ئېگىز پەس.

 تۇتىۋىلىش ئۆزۈڭنى بولغاي مەندىن نەسىھەت،

ساڭا بولغاي خىتاب ئۇشبۇسۆز ئاخىرقى نەپەس.

 

 نىيازئەلى.ئابدۇرېشىت

غۇلجا 2015ـ يىل 25ـ ئىيۇل كەچ





162 قېتىم كۆرۈلدى Izdinix ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-1 18:39:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ