سەھراغا سېغىنىش
--رۇستەم مەخەت
www.yazghuqilar.com
كۆككە باقسام ئىگىز بىنالار،
كۆزۈم يەتمەس كۆكتىكى ئايغا،
شۇندىلا
كەتكۈم كىلەر،
توپا پۇراپ تۇرغان سەھراغا،
قايناق شەھەرنىڭ
ئاسمىنىدا يۇلتۇزلار غۇۋا،
ئاڭلانمايدۇ ئايدىڭ ناخشىسى،
چىكەتكە ئۈنى،
چىللىمايدۇ سەھەردە خوراز،
پەقەت ئاڭلىنىدۇ،
ئالدىراش ئۆتۈشكەن ماشىنا ئۈنى.
چۈشلۈرۈمدە
سەھرايىمغا كىتىمەن قايتا،
ئايان بولدى
يالاڭ ئاياغ يۈگۈرگەن كوچا،
بالىلىقتا تەشكەن شورىلار،
ئايدىڭ ئاخشام يورۇق يۇلتۇزلار،
بىرگە سۇغا چۈمۈلگەن ئۆستەڭ،
مومام ئەتكەن كۆك چۆچۈرىسى،
ئۆزىگە ياراشقان ئۆرۈمە چاچلىق،
ئوسما قويغان شۇ سەھرا قىزى.
ئەتراپىمدا مىغ-مىغ ئادەملەر،
ھېچ بىرسىگە قىلماس تەبەسسۇم،
قوشنىلار كىم ،
تونىمايمەن ھېچ بىرلىرىنى،
ھەممە يۈرەر بىرخىل رېتىمدە،
ياشاۋاتىمەن،
ئۆزۈم شەھەردە
كۆڭلۈم كىتىپ قالغان سەھراغا.
--رۇستەم مەخەت
2816-يىلى6-ئاي
27 قېتىم كۆرۈلدى | rustam | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-6-30 20:03:02 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|