بولمسۇن - ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرتېكىن

بولمسۇن

ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرتېكىن


  ئەخلاقنى سۆيگەن گۈزەللەر نامەرتكە جانان بولمسۇن،
لەيلى-مەجنۇن ئاشىقلار سۆيگۈسى خازان بولمىسۇن.

سۆيگۈ-بەخىت,سۆيگۈ-تەخىت كىلۇر بىر نۆۋەت ،
دىلدىن مېھىر بېرىپ سۆيگەنلەر ئەمدى يامان بولمسۇن.

يىگىتلەردە جۇش ئۇرسۇن ئەركەككە خاس پىداكار,مەردلىك،
گۈل بەدەن,گۈلدەك قىزلار مەرد يىگىتكە ئارمان بولمىسۇن.

ئەلنى سۈيۈپ,ئەلگە كۈيۈپ,ئەلنىڭ سۈيىدە ئاققانلار،
نائەھلى,نامەرد ئالدىدا تىز پۈكۈپ سەرسان بولمىسۇن.

ئەجدادلاردىن قالغان ئۇدۇن-ئەر كىشى ئۆينىڭ بېشى،
ھالا بۈگۈن ئەركەك تۈگەپ مىسلى تەتۈر زامان بولمىسۇن.

ئەجداد ئىزى-ئەقىل كۆزى,ئەۋلادلارغا يەتسۇن سۆزى،
بىزدىن ئەۋلادقا قالغىنى دۆۋە“ئەسكى سامان” بولمسۇن.

ئاتاڭ تاغدۇر,ئاناڭ باغدۇر ئۇلارسىز ھايات قاملاشماس،
ئۇلارنىڭ ئەجرىدىن ئۈنگەن گۈل-غۇنچە خازان بولمىسۇن.

ئەلمىساقتىن باغۇ-بوستان بولغان پەقەت  بۇلبۇلغا جاي،
جۇد ئۇرۇپ,بۇلبۇل كېتىپ قۇزغۇنغا ماكان بولمىسۇن .

  





33 قېتىم كۆرۈلدى abdu4745 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-11 23:30:55  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ