دېھقان ئاتا (شېئىر) - گۈلپىيە ئەخمەت

دېھقان ئاتا 

گۈلپىيە ئەخمەت (خاسنۇر)


 يەلكىسىگە ئارتىپ ئېغىر كەتمەننى،

يىراقتىن كۆرۈندى ئۇنىڭ سىماسى.

قىزىللىق كەتمىگەن چېھرىگە تېخى،

ئىز ساپتۇ بىۋاقىت يوللار ئىزناسى.


ئالدىمدىن ئۆتۈپ كەتتى بىر پەستە،

قىلدىم ئاڭا تەبەسسۇم بىلەن تازىم

ئويلاپ قالدىم تەخىرسىزلىك ئىچىدە

شۇلارسىز شاۋقۇنلاپ ئاققانمۇ تارىم .

 

ئوخشاتتىم قەددىڭنى قەدىم  توغراققا،

ئەجرىدىن قۇملۇقلار بولدىغۇ بوستان ،

ياشنايسەن قەلبىمدە مەڭگۈ تائابەت ،

چۈنكى سەن تارىخقا تۆھپىلەر قوشقان.

 

ئىزلىرىڭدىن گۈل غۇنچە تىزىپ،

ئۆگەتتىڭ ماڭا قەيسەر ياشاشنى .

تەر ئاققۇزۇپ قىلىپ سەن ئەجىر،

تەييار قىلدىڭ بىزلەرگە ئاشنى.

 

2017-يىل 11-ئاپرىل     






32 قېتىم كۆرۈلدى hasnur ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-14 9:25:58  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ