قۇيۇپ بەرگىن سەۋىرلەرنى لىق تولدۇرۇپ
موھەممەدئەلى سادىق
بەزلەپ كۆڭۈل گاھى يىغلاپ گاھى كۈلۈپ،
ئىچەي سەۋىر شارابىنى مەسىت ئولتۇرۇپ.
بەخىت تىلەپ ئۆتسۇن ئۆمۈر پىنھان بولۇپ،
قۇيۇپ بەرگىن سەۋىرلەرنى لىق تولدۇرۇپ.
يۈرەك بىتاپ قالدى ئاچچىق ئازاپلارغا،
ئەھۋال سورا ھەمراھ بولۇپ ساۋاقلارغا.
ئۈلپەت بولۇپ دەرىتكە دەۋا شاراپلارغا،
قۇيۇپ بەرگىن سەۋىرلەرنى لىق تولدۇرۇپ.
مۇڭلۇق غەزەل ئېيتىپ تەڭكەش پەريادىمگە،
ئىلىپ كەتكىن دەرىتلىرىمنى مەيخانەمگە.
قانسۇن لېۋىم سۆيۈپ جانان پىيالەمگە،
قۇيۇپ بەرگىن سەۋىرلەرنى لىق تولدۇرۇپ.
ئەيلىسەم مەن قەدەھ بىلەن دەردىم بايان،
كۆڭۈللەرگە سۆيگۈ ئىزھار بولسۇن ئايان.
سۆيگۈ ۋەسلى مەيدۇر مىسال بارسام قايان،
قۇيۇپ بەرگىن سەۋىرلەرنى لىق تولدۇرۇپ.
ئازاپ ئەمەس يۈرەكلەردە ئاققان لاۋا،
قايناپ جۇشقۇن مۇھەببەتتە قىلغان ناۋا.
يېتىپ بۇ ھال ئېزلەپ كىمدىن تاپسۇن داۋا،
قۇيۇپ بەرگىن سەۋىرلەرنى لىق تولدۇرۇپ.
موھەممەد ئەلى - ياغچاق
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى
75 قېتىم كۆرۈلدى | موھەممەدئەلى سادىق | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-9 7:07:05 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|