سىتۇدىنىتنىڭ دەردى - مۇھەممەتجان ئەخەت (پېقىر)

         سىتۇدىنىتنىڭ دەردى
مۇھەممەتجان ئەخەت (پېقىر)
 
پۇل ئېلىش ماشىنىسى مازاق قىلىدۇ،
دادىسى پۇل سالمىغان سىتۇدىنىتنى.
شۇنداق كۈنلەردە تاپالمايدۇ ئۇ،
جان دوسىت دىگەن يېقىنلىرىنى.
 
دەل شۇ چاغدا كىلەر قىز دوستى،
كۆرۈشمەككە،ئويناپ كەلمەككە.
قەرىز سوراپ كېزەر ياتاقنى،
ھېچكىم چىقماس قەرىز بەرمەككە.
 
تېلفۇن قىلماق بولۇپ كىملەرگە،
نۇمۇرلارغا قارايدۇ كۈلۈپ.
بىرى ئېتىك بىرى ئالدىراش،
يا ئېلىنىپ كىتەر ئۈزۈلۈپ.
 
ساقلاتتىڭ دەپ نەچچە قاقشىدى،
قىزغا راستىن دىمەك تېخى تەس.
مىڭ تەسلىكتە يۈرگەن قىز دوستى،
 دىدى ئەمدى چىقما بولدى بەس.
 
شۇ كۈن كەچتە ساۋاقداشلىرى،
ئولتۇرۇشقا يامان چىللىدى.
پۇل يوق دىگەن ياتاقداشلىرى،
 يۈز كويدىنلا چىقاردۇق دىدى.
 
كەتتى قىزچاق كەتتى ئاغىنە،
قورساقمۇ ئاچ ماغدۇرمۇ كەتتى.
بىر كۈن پۇل يوق مۇساپىرلىقتا،
بارچە ئەلەم شۇ كۈنى يەتتى.
      





142 قېتىم كۆرۈلدى pekir ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-26 17:23:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-2 2:30:28 艾拉柯孜
写得很好
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ