قەلەم تۇتماق- ئەلەم تۇتماقتۇر
ئابدۇراخمان ئىبراھىم
شائىرلىققا ھېرىسمەن دوستۇم،
«قەلەم تۇتماق-ئەلەم تۇتماقتۇر».
بويسۇنمىساڭ ئۈشبۇ ساۋاققا،
ئاقىۋىتىڭ- ئەلەم يۇتماقتۇر.
ھەۋەس باشقا، شائىرلىق باشقا،
شائىرلارنىڭ دەردىمۇ باشقا،
شائىرلىقنى ئاددىي كۆرمىگىن،
ئوخشىمايدۇ ئۇ،ھېچبىر ئىشقا.
گەر چۈشەنسەڭ، شائىرلىق ئىشى،
ماھىيەتتە، تىلنىڭ ئىشىدۇر.
كونىلارمۇ بەك توغرا ئېيتقان:
«تىل يۈگۈركى-باش كېتىشىدۇر.»
نام قازىنىش، پۇل تېپىشچۈنمۇ،
شائىرلىققا قىلمىغىن ھەۋەس.
ئۇ قەلىپكە مەنىۋى ئۇستاز،
سودىگەر يا تاۋارچى ئەمەس.
ۋەتەن،خەلق- باھالىغۇچى،
شائىر-دىلنى داۋالىغۇچى.
ئۇگوياكى ئەلەمدارئەسكەر
قەلەم تۇتقان، ئەلنىڭ جەڭچىسى.
ئابدۇراخمان ئىبراھىم كورلا.
2017.2.22
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز قويماڭ.
| 221 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇراخمان ئىبراھىم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-2-22 18:21:45 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|