ھالىمغا يەت : مەمەتجان سەمەت

         ھالىمغا يەت
مەمەتجان سەمەت

كۆز  ئالدىمدا  تۇرار  ھەردائىم،
بىز   كۆرۈشكەن   ئاشۇ  دەقىقە.
ئويلاپ باقسام ئولتۇرۇپ بىردەم،
كۆڭلۈم چۈشۈپ قاپتۇ  ئەسلىدە.

قانداق  قىلاي  بىلمەيلا   قالدىم،
ئىشقى   ئوتى   بەرمىدى   ئارام.
كۈندىن كۈنگە كۆپەيمەكتە ھەم،
تاغدەك  ئېغىر   يۈرەكتە   يارام.

بىلىپ   يەتتىم   ئاخىرى   شۇنى،
سەنسىز ياشاش ماڭا  ھارامكەن.
سەن ئالغاندەك قەلبىمدىن ئورۇن،
ھېچ بىر كىشى ئەسلا ئالماسكەن.

چىڭ باغرىڭغا بېسىپ قۇچاقلاپ،
ھالىمغا يەت  ئەي  گۈزەل جانان.
تولا   ئويلاپ   غەملىرىڭنى  يەپ،
بۇلۇپ  كەتتى  ھالىم  بەك يامان.

مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

ئۈندىدار  : 2042420589

 

ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى تورىمىز ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇلىقىنى ئالماي ھەر قانداق مەدبۇئات ئورۇنلىرى ، توربەت ، سالۇنلارنىڭ خالىغانچە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا بارلىق ئاقىۋەتكە تارقاتقۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ !!

     





250 قېتىم كۆرۈلدى mamatjan520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-20 17:01:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ