يالغان يۈرەك
شېئىر
ئاپتۇرى- مۇھەببەت كۈيچىسى مۇھەممەتجان سامساق
تۇنۇشقانتۇق بىر چاغلار ئۆتكەن ئىدۇق سىردىشىپ ،
كۆڭۈل بۈلۈپ ئۆز ئارا ئۈچ ۋاق سالام قىلىشىپ.
مېھىرلەردىن كۈنسىرى ياندى سۆيگۈ ئوتلىرى ،
باغلاق چۈشۈپ كۆڭۈلگە خىيال قىلىپ ئىزدىشىپ.
ئۆتكەن ئىدى بىر مەھەل شۇنداق خۇشال كۈنىمىز ،
بۇ ھاياتقا ئۈمۈدلەر كۈلۈپ قۇچاق ئاچقاندا.
ناۋا قىلار زوق بىلەن چەكسىز بەخىت بۇلبۇلى ،
سۆيگۈ گۈلى چىچەكلەپ بەرگى پۇراق چاچقاندا.
چىداشمايتۇق بىرەر كۈن ياردىن خەۋەر كەلمىسە ،
كۈيلىرىمدە چاپاتتى يارنىڭ مېھىر ئاتلىرى.
كېچە كۈندۈز دىمەستىن مۇڭدىشاتتۇق شادلىنىپ ،
چىن سۆيگۈگە تەشنا بۇلۇپ يۈرۈكلەرنىڭ قاتلىرى.
گۈلشەن ئارا گۈل بۇلۇپ نازلىناتتىڭ تاتلىغىم ،
سىنى كۈيلەپ بۇلبۇلۇڭ خەندان ئۇرۇپ سايرىسا.
ئەقىدەمدە چىن سۆيگۈڭ گۈللەپ پۇراق چاچارمۇ ؟
سىناقلاردا سۇنامسەن شاخلىرىڭنى قايرىسا.
بەرسەم ساڭا مېھرىمنى يار قەدرىمگە يەتمىدىڭ ،
چىن سۆيگۈدە ساختىلىق سىنىلىدۇ بىلىپ قال.
قەلبىم گويا بىر سازدۇر چېكەلىسەڭ تارىنى،
بەخىت دىگەن بازاردا سېتىلمايدۇ بىلىپ قال.
ئاپتۇرى-ئاقسۇ شەھەر قاتال بازىرىدىن مۇھەممەتجان سامساق
تىلفۇن ئالاقە ئۈندىدار، 15599755288
2017-3-27
| 43 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەممەتجان سامساق | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-27 14:25:57 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|