كەتمەڭ ئانا (شېئىر) - ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن

 كەتمەڭ ئانا

ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن


ئايىغىڭىزغا مەن بېشىمنى قۇيىۋالاي،
ئىزىڭىزنى مەن قانغۇچە ھىدلىۋالاي.
يېنىڭىزدا ئۇزۇندىن ئۇزۇن تۇرۇۋالاي،
بىمەھەل كەلمەس بۇلۇپ كەتمەڭ ئانا.

سىز يوق يانالماس ئۆينىڭ چىراقى،
يۈركۈمنى پۇچىلايدۇ يېتىم پىراقى.
كەتسڭىز تەڭ كېتەر گۈللەر پۇراقى،
بىمەھەل كەلمەس بۇلۇپ كەتمەڭ ئانا.

ئاپارسمۇ ئانىنى ھاپاشلاپ ھەجىگە،
تەڭ بولالماس تامچە سۈت ئەجىرگە.
ئانا ئەجرىدۇر باش يەتكەن سەجىدىگە،
بىمەھەل كەلمەس بۇلۇپ كەتمەڭ ئانا.

2017-يىل 10_مارت
     





115 قېتىم كۆرۈلدى abdu4745 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-11 6:57:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-16 11:39:26 دىلىمدىكلەر
بەك ياخشى يزىلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ