مۇئەللىم - تۇنساگۈل ئىسمائىل(قەشقىرى)
مۇئەللىم

مۇئەللىم مەشئەلدۇر مۇئەللىم چىراغ،
قاراڭغۇ دىللارغا تۈگمەس نۇر بەرگەن،
ئۇلۇغلۇق بابىدا مىسالى ئۇ شاھ،
سەبىيلەر قەلبىنى مىننەتسىز كەزگەن،

باغرى كەڭ مىھىرلىك ئىنساندۇر ئۆزى،
تاشنىمۇ يارىدۇ ھەتتاكى سۆزى،
چاڭقىغان دىللارغا ئۇ گويا زەم-زەم،
تەگمىسۇن ھەر ۋاقىت ياماننىڭ كۆزى،

مۇئەللىم ئۇ گويا كۆكتىكى قۇياش،
كائىنات ئەھلىگە ئىللىق نۇر چاچقان،
مائارىپ سېپىنىڭ گۈزەل بېغىدا،
مەرىپەت نۇرىنى كۆككە تاراتقان،

نامىلەر يازدىممەن يۈرەكتىن ئاڭا،
تەرىپلەپ يېزىشقا ئاجىزدۇر قەلەم،
قانىتى ئاستىغا ئالىدۇ قوغداپ،
رازىدۇر بىز ئۈچۈن تارتىشقا ئەلەم،

ھۆرمەتلە ئۇستازنى قەدىرلە سۆيگىن،
ھالىنى سوراپ تۇر ئوتىدا كۆيگىن،
ئاغرىتما دىلىنى سۆزىنى ئاڭلاپ،
بۇنىڭغا ياق دىسەڭ ئېسىلىپ ئۆلگىن،

ــ تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)
ـ 2016-يىلى8-ئاينىڭ 21-كۈنى




101 قېتىم كۆرۈلدى تۇنساگۈل ئىسمائىل ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-9 13:55:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ