كەل نىگارىم كەل ئۆزەڭ
ئېلىجان ئابدۇكېرەم بارچۇق ئوغلى
نەچچە باردىم مەلەڭگە كۆرەلمىدىم بويۇڭنى،
كۆڭلۈم بولدى دەرگۇمان ئاڭلىيالماي سۆزۈڭنى .
مەندىن بۇنچە يۇشۇرۇپ قاچۇرمىغىن ئۆزۈڭنى ،
كۆيدۈرگىلى كۆيگىلى كەل نىگارىم كەل ئۆزەڭ .
كۈندە دىدار بولامدۇ ئەلبۇمدىكى سۈرۈتۈڭ،
دىلغا داۋا بولامدۇ چۈشلەردىكى سۆزلۈرۈڭ.
خىيالىمدىن كەتمىدى ئالما ئانار يۈزلۈرۈڭ،
كۆيگۈنۈمنى كۆرگىلى كەل نىگارىم كەل ئۆزەڭ .
كۆڭلۈم شۇنچە پەرىشان ئىشقىڭىزدا كۆيدى جان،
يۈرەك باغرىم بولدى قان كەل نىگارىم كەل ئۆزەڭ.
سۆيگۈ دېگەن ئۆز ئارا چۈىشىنىشتە ئەمەسمۇ ،
چۈشەنگىلى سەن مېنى كەل نىگارىم كەل ئۆزەڭ .
ئۈندىدار 2318334127
| 40 قېتىم كۆرۈلدى | dlkax | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-5 0:01:20 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|