ئىشەنچ
تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)
كىيىك ياتماس ئىشەنگەن تاغدا،
ئۆزگىلەرنى قويۇر ئۇ ئوڭدا.
ئىچ باغرىڭنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ،
تاشلاپ قويۇر قاقاس بىر سايدا.
دۈشمىنىممۇ بۇنى بىلمەيمەن،
ھىيلە مىكرى ئاجايىپ سىپتا.
مىنى كۆزدىن يوقاتماق بولۇپ،
چۆرگىلەپ يۈرەر يېقىن بىر جايدا.
جان ئاچچىقى ئەجەپمۇ يامان،
غېرىپ كۆڭۈلنى قىلىدۇ خامان.
سەن ئۇنىڭغا ئىشەنگەن بىلەن،
يۈرەك باغرىڭنى ئىزىدۇ ھامان.
كۆڭۈل دىگەن ئەجەپ نازۇككەن،
دىل ياراسى ساقايماس ئىكەن.
خۇشال كۈلۈپ يۈرگەن بىلەنمۇ،
يۈرەك دېغى مەڭگۈ ئۆچمەسكەن.
ئاچچىق گەپلەرنى يىغىپ كۆڭلىگە،
زەھەر سۆزلەرنى سوقۇپ خەنجەرگە.
ئېتلىپ چىققان پىلموت ئوقىدەك،
سانجىلىدۇ ئوتلۇق يۈرەكككە...
-تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)
-2016-يىلى12-ئاينىڭ21-كۈنى(چارشەنبە)
110 قېتىم كۆرۈلدى | تۇنساگۇل ئىسمائىل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-22 1:27:52 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|