بۇنى قانداق مەسئۇلىيەت دەيمىز
يۈسۈپجان سايرامى ( زىنھار )
ئەر بەزمىدە يات بىلەن يۈرسە ،
ئايال ياسىنىپ خەق بىلەن كۈلسە.
كۈندە شۇنداق داۋام ئەتسە ،
بۇنى قانداق مەسئۇلىيەت دەيمىز.
ئاتا ماڭسا ئەيىش_ئىشرەتكە ،
بالا كۆرۈپ قىلسا شەھۋەتكە.
يا كۆرسەتمىسە قاتتىق ئىبرەتكە،
بۇنى قانداق مەسئۇلىيەت دەيمىز.
ئاتا ئۆزىنى ئۆزى تۇنمىسا ،
ئەدەب ئەخلاق ياكى بولمىسا.
بالا قەلبىگە ھەتتا قونمىسا ،
بۇنى قانداق مەسئۇلىيەت دەيمىز.
ئۆگەتمىسە ھايا ئەدەپنى ،
ئۈلگە قىلماي ياكى ئۆزىنى .
چۈشەنمىسە بالىنڭ زارىنى ،
بۇنى قانداق مەسئۇلىيەت دەيمىز.
ئانا يۈردى ئاتا نەدە ،
بالا بىلەن كارى بولمىسا.
سۇلغۇن چېھىر كۈلكىگە تولمىسا ،
بۇنى قانداق مەسئۇلىيەت دەيمىز.
ئانا مېھىرىگە ياكى قانمىسا ،
بالا تەربىيىسى ياكى بولمىسا.
ئاتا سۆزىنى ياكى ئاڭلىمىسا ،
بۇنى قانداق مەسئۇلىيەت دەيمىز.
ئاتا-ئانا دىمەي كۆزلەر ئالايتسا ،
يا ئارسىدا پەدىشەپ بولمىسا .
چۈشەندۈرمەي دۈشكەللەپ ئۇرسا ،
بۇنى قانداق مەسئۇلىيەت دەيمىز.
نىمە قىلىش كېرەك يا ئۆگەتمىسە ،
ئاتا كىم ئانا كىم بۇنى بىلمىسە.
بىرىنى ئالداپ بىرىگە يانىسا ،
بۇنى قانداق مەسئۇلىيەت دەيمىز .
ئاتا بالغا ئىگە بولمىسا ،
يىتىم قۇيۇپ قان ياشلىسا.
مەجبۇريەتنى ئادا قىلمىسا ،
بۇنى قانداق مەسئۇلىيەت دەيمىز.
ئانا ياكى ئانىغا ئوخشىمسا ،
كۆزنى بۇياپ بەزمىگە قاتىرسا.
باشقۇرىدىغان ئاتا بولمىسا ،
بۇنى قانداق مەسئۇلىيەت دەيمىز .
نەدىن كەلدى نەگە ماڭدى بۇنى بىلمىسە ،
بىر تامچە سۈتنڭ قەرزىنى ئادا قىلمىسا.
ئاتا-ئانا سۆزىگە ھەتتا ئىتائەت قىلمىسا ،
بۇنى قانداق مەسئۇلىيەت دەيمىز .
يارنى دەپ ھەتتا ئانىنى ئالدىسا ،
پۇل بەرمىسە تېخى قىيدىسا .
ئانا زارىغا قۇلاق سالمىسا ،
بۇنى قانداق مەسئۇلىيەت دەيمىز.
ھەركىم ئۆز نەپسى بىلەن بولسا ،
باشقى بىلەن كارى بولمىسا.
يا كۆڭۈللەر خوشاللىققا تولمىسا ،
بۇنى قانداق مەسئۇلىيەت دەيمىز.
2016-يىل 10-ئاينىڭ 30-كۈنى
##ئاپتۇر ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ ##
| 61 قېتىم كۆرۈلدى | zinhar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-18 22:49:45 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|