يۈرىكىم ئۆلۈپ قالدى

يۈرىكىم ئۆلۈپ قالدى

 

خال-دىلمۇرات

 

ئەتراپ قاپقاراڭغۇ، نىشاندىن ئەسەر يوق . گويا زۇلمەت پۈتۈن روھىيناتىمغا سىڭگەن ، تەنۇ-جان گۇناھقا پاتقان ، شۇنداق يۈرىكىم ئۈلۈپ قالدى . ئەزىز تېنىم پاھىشەلىك پاتقاقلىرىغا مىلىشىپ ياتماقتا ، تۇمۇرۇمدىكى ئەجدادىمنىڭ ساپ قېنى نىجىس بىلەن بۇلغاندى. چوغدەك يۈرىكىمنى شاراپ بىلەن سۇغاردىم.

شۇنداق ، يۈرىكىم ئۆلۈپ قالدى ، خار ۋە زارلىق كوچىسىدا كىتىپ بارىمەن، بىردە يىقىلپ بىردە مۈدۈرۇپ خۇددى پۇت قولى سۇنغان كىشى كەبى . گويا شۇنداق بىر دەشىت باياۋاندىمەن ئۇنىڭ ئىسمى ئازاپ، بىر تامچە سۇغا زار بولىۋاتىمەن— ئۇ ئىنساپ.

 شۇنداق يۈرىكىم ئۈلۈپ قالدى. ھاياتقا بولغان ئۈمۈد بىخلىرىم زۇلمەت بورانلىرىدا ۋەيران بولدى , نى-نى ئارزۇلىرىمنى كەيىپ ساپاغا مەردلىك بىلەن تىگەشتىم ، شۇنداق گۇناھلارغا پېتىپ كەتتىمكى كۈندۈزى قىمار كېچىسى زىنا بولدى ، مەئىيشەتنى دوسىت تۇتتۇم ، شەيتانغا ئۈلپەت بولدۇم , شۇ چاغدا يۈرىكىم ئۈلۈپ قالدى.

 ئۈستۈمدە تەتۈر قىسمەتنىڭ بۇلۇتلىرى ئەگىپ يۈرۈيدۇ . بەلكىم بۇ مېنىڭ قىلغانلىرىمنىڭ مۇكاپاتى. قارا كۈچلەر يۈرىكىمنى ئىسكەنجىگە ئالغانىدى، يۈرەك زەئىپ ئىڭرىدى:《مەن ئۈلۈپ كىتىۋاتىمەن. 》ياق ياق! يۈرىكىم ئۆلسە بولمايدۇ! ياق، ھەرگىز بولمايدۇ! بۇ يۈرىكىمدە ئانامنىڭ مىھرى بار ئىدى، ئاتامنىڭ جەسۇر روھى بار ئىدى، ئەڭ مۇھىمى رەببىمنىڭ بۈيۈك بىر ئامانىتى بار ئىدى, …………

شۇنداق يۈرىكىم ئۈلۈپ قالدى يۈرەك سەكراتتا ،ئۆزۈم غەپلەتتە ! ئەنە يۈرەك نېمىلەرنىدۇر زەئىپ ئاۋازدا پىچىرلايىتتى. بەلكى، يۈرىكىم ئانامنىڭ ئەللەيلىرىنى ئىيتىۋاتقاندۇ، بەلكى ئاتامنىڭ جەسۇرلۇق كۈيىنى توۋلىغاندۇر. لىكىن، بۇنى مەن ئاڭلاشقا ئامالسىز. شۇنداق ، يۈرىكىم ئاستا ئاستا ئۆلۈپ قالدى……

 ئايدىڭ كىچە ،ئەتراپ تىپتىنىچ ، غېرىپ قەبرىنىڭ ئۈستىدىكى شىۋاقلار شامالغا پىچىرلىشاتتى، بەلكى ئۇلار ھىكايە قىلىشقاندۇر شۇنداق بىر زامانلاردا يۈرىكى ئۈلۈپ قالغان بىر كىشىنى.





417 قېتىم كۆرۈلدى ahgul ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-6-9 4:56:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ