ياتلاشمايلى ساۋاقداشلار - ھەزرەتئېلى سەمەت

ياتلاشمايلى ساۋاقدىشىم

 

 ھەزرەتئېلى سەمەت

 

قەلىبتىن چىققان ساۋاقداش دېگەن بۇ سۆز

ھاياجانغا سالۇر - دە بىزنى شۇنچە .

ساۋاقداشلار ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرى،

يۈرىكىمدە ئېچىلغان بىرتوپ بولغىنىچە.

ياردەم بېرىپ ئۆتتۇق بىز ئىناق بولۇپ،

چاقچاق قىلىپ ئۆز ئارا كۈلدۈرۈشۈپ.

 مانا ئەمدى ئايرىلىپ كېتەر بولدۇق،

گۈزەل تاتلىق ئەسلىمە قالدۇرۇشۇپ.

ئۇرۇشۇپمۇ قالاتتۇق بەزىدە بىز،

ئەپلىشىپمۇ قالاتتۇق شۇنچىلىك تېز.

 شۇنداق ئۆتتى بۇ ئوقۇش ھاياتىمىز،

 ئەسلىمىلەر قالدۇرۇپ مەكتەپكە ئىز.

 ساۋاقداش بوپ، ئۆتكۈزگەن شۇ كۈنلەردە،

بولدۇق بىزلەر پارتىداش ھەم جەبرىداش.

 ياتلاشمايلى تۆت كۈنلۈك بۇ ئالەمدە،

بوپ قالىمىز بىز يەنە ھەم قەبرىداش.





241 قېتىم كۆرۈلدى xohyigit ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-8-13 0:22:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-8-31 1:41:34 Habiba yasen hulja dadamtu
Bu xer bak yahxi yezliptu darhal sawakdaxla topiha awatip demakqi bulhan suzumni degandak boldu yazhuqing kulden gullar unsun rahmat
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ