ھەۋەس قىلىمەن
ھەۋەس قىلىمەن

 ئاپتۇر:خېلىل جىبران(پەيزىۋات)

 گاچىلارغا ھەۋەس قىلىمەن ،
 كىشى كۆڭلىنى ئاياپ بولالماي،
 گۇناھلىرىمنى ئۆزۈم بىلىمەن ،
مەن شەيتاندىن يىراق تۇرالماي.

 مېيىپلارغا ھەۋەس قىلىمەن، 
يامان يولدىن مەن قايتىيالماي،
 مەن پۇتۇمغا كىشەن سالىمەن،
 پۇتلىرىمنى ھىچ باشقۇرالماي.

 ئەمالارغا ھەۋەس قىلىمەن،
 كۆز زىناسىنى مەن تاشلىيالماي،
 كۆزلىرىمگە ئۆچ بوپ كىتىمەن،
كۆزۈمنى كۆزلەردىن مەن تارتىيالماي.

 مەن دادامغا ھەۋەس قىلىمەن،
 قەد كۆتۈرۈپ ئېگىز تۇرالماي،
مەن ئانامغا ھەۋەس قىلىمەن،
 جان ئانامدەك ئىللىق بولالماي.

 2016-12-29 خوتەن




126 قېتىم كۆرۈلدى helil1 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-29 22:04:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ