ئازاپنىڭ تەمى - سابا

ئازاپنىڭ تەمى

خ …ئەيسا سابا


بىر ھىجران تەپتىدىن دىلىم سەكپارە،
كۆيدۈمكى ئوتلاردا ئاجايىپ قىززىق.
كۆيدۈرگەن بىر ئوتتا مىڭلارچە كۆيدۈم
سۆيگۈدە سىزىلدى بىر ئەگرى سىزىق،

قاينىدىم سۆيگۈنىڭ قازانلىرىدا،
چاڭقىغان دىللارغا ئۇسسۇلۇق بولۇپ
بىر ئازاپ يىگىنىم مىڭ ئازاپ بولدى،
ھەسرىتىم دەردىمگە سىرتىماق بولۇپ.

تېتىدىم ئازاپنىڭ تەمىنى ھەر خىل،
بىرىدە بەك ئاچچىق،بىرىدە تاتلىق
كۆز يېشىم يامغۇر بوپ ئاققىنى بىلەن
كۆرمىدىم بەربىر بىرىدە شاتلىق،

ئىشەنگەن سۆيگۈلەر نەلەردە قالدى
يوقالدى كۆڭۈلگە داغلار قالدۇرۇپ،
ئېزىلدىم،ئېچىندىم مىڭلارچە نەپرەت…
كەل ئازاپ قالايلى مەڭگۈ ئاھ…،ئۇرۇپ.

2016.12.11.كۈنى غۇلجىدا يېزىلدى 
     





34 قېتىم كۆرۈلدى سابا 0998 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-12 2:10:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ